بلىنكېن ئابباس بىلەن تېلېفونلىشىپ، پەلەستىندە يېڭى قۇرۇلغان ئىچكى كابىنېت توغرىسىدا سۆزلەشتى

ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئانتونىي بلىنكېن پەلەستىن دۆلەت رەئىسى مەھمۇد ئابباس بىلەن تېلېفونلىشىپ، پەلەستىننىڭ يېڭى كابىنېتى توغرىسىدا سۆزلەشتى.

2123512
بلىنكېن ئابباس بىلەن تېلېفونلىشىپ، پەلەستىندە يېڭى قۇرۇلغان ئىچكى كابىنېت توغرىسىدا سۆزلەشتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى بايانات ئېلان قىلىپ، مىنىستىر ئانتونىي بلىنكېننىڭ پەلەستىن دۆلەت رەئىسى مەھمۇد ئابباس بىلەن تېلېفونلىشىپ، ۋاشىنگتوننىڭ پەلەستىندە قۇرۇلغان يېڭى كابىنېتنى قارشى ئالىدىغانلىقىنى ھەمدە ئۇنىڭ بىلەن ھەمكارلىشىپ خىزمەت قىلىشنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەنلىكىنى ئۇقتۇردى.

يېڭى كابىنېت بىلەن ئىيوردان دەرياسىنىڭ غەربىي قىرغىقى ۋە غەززەدىكى پەلەستىن خەلقىگە تېخىمۇ ياخشى شارائىت ھازىرلاپ بېرىش يولىدا تېخىمۇ كۈچلۈك تىرىشچانلىق كۆرسەتكىلى بولىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن بلىنكېن، تېزدىن غەززەدىكى ئەسىرلەرنى قويۇپ بېرىپ، ئۇرۇش توختىتىشنى كاپالەتكە ئىگە قىلىش كېرەكلىكىنى، مۇشۇنداق قىلغاندا، رايونغا تېخىمۇ تېز سۈرئەتتە ئىنسانپەرۋەرلىك ياردەم ئەشيالىرىنى يەتكۈزگىلى بولىدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

ئۇ يەنە، ئىسرائىلىيە بىخەتەرلىك كاپالىتىگە ئېرىشكەن ئەھۋالدا، ئۆزلىرىنىڭ مۇستەقىل پەلەستىن دۆلىتىنىڭ قۇرۇلۇشى نىشانىدا چىڭ تۇرىدىغانلىقلىرىنى قايتا تەكىتلىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر