ئىسرائىلىيە قىسىملىرى غەربىي قىرغاقتا نۇرغۇن پەلەستىنلىكلەرنى تۇتقۇن قىلدى

ئىسرائىلىيە قىسىملىرى ئىشغالىيەت ئاستىدىكى غەربىي قىرغاقتنىڭ ھەر قايسى شەھەرلىرىگە قىلغان ھۇجۇملىرىدا، بىر پەلەستىن ئايالغا قوشۇپ نۇرغۇن پەلەستىنلىكلەرنى تۇتقۇن قىلدى..

2123134
ئىسرائىلىيە قىسىملىرى غەربىي قىرغاقتا نۇرغۇن پەلەستىنلىكلەرنى  تۇتقۇن قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: شاھىتلاردىن ئىگىلەنگەن مەلۇماتلارغا ئاساسلانغاندا، ئىسرائىلىيە ئەسكەرلىرى غەربىي قىرغاقتىكى جەننىن، تۇلكىرىم، راماللاھ، ئەلخەلىل، سېلفىت ۋە كالكلىيا قاتارلىق شەھەرلەرگە بېسىپ كىرگەن.

بېسىپ كىرىش جەريانىدا ئىسرائىلىيە قىسىملىرى بىر پەلەستىن ئايالغا قوشۇپ، نۇرغۇن پەلەستىنلىكلەرنى نازارەتكە ئالغان.  

ئىسرائىلىيە قىسىملىرى غەززەگە 7- ئۆكتەبىردە ھۇجۇم باشلىغاندىن بۇيان، ئىشغالىيەت ئاستىدىكى غەربىي قىرغاق ۋە شەرقىي قۇددۇستا پەلەستىنلىكلەرگە قاراتقان تۇتقۇن قىلىش، بېسىپ كىرىش ۋە ھۇجۇم قىلىش ۋەقەلىرىنى كۆپەيتكەن ئىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر