خىتاي پۇقرالىرى ئامېرىكا ئايرودورۇملىرىدا قاتتىق تەكشۈرۈلمەكتە

خىتاي ئامېرىكاغا ساياھەتكە بارىدىغان پۇقرالىرىنى «كۈتۈلمىگەن ئەھۋاللارغا قارشى تەييارلىق قىلىش» توغرىسىدا ئاگاھلاندۇردى.

2122558
خىتاي پۇقرالىرى ئامېرىكا ئايرودورۇملىرىدا قاتتىق تەكشۈرۈلمەكتە

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ <WeChat> ئۈندىدار ھېسابىدا ئېلان قىلىنغان ساياھەت ئاگاھلاندۇرۇشىدا، يېقىندىن بۇيان بىر قىسىم خىتاي ئوقۇغۇچىلار ۋە شىركەت خادىملىرىنىڭ ئامېرىكا ئايرودوروملىرىدا «ساقچىلارنىڭ سوراق قىلىشى ۋە پاراكەندىچىلىك سىلىشىغا» ئۇچرىغانلىقى ئەسكەرتىلدى.

باياناتتا، خىتاي پۇقرالىرىنىڭ تېلېفون، كومپيۇتېر ۋە باشقا بۇيۇملىرىنىڭ بىر-بىرلەپ ئاختۇرۇلغانلىقى ۋە بەزى خىتايلارنىڭ چېگرادىن كىرىشى چەكلەنگەنلىكى، ئامېرىكاغا ساياھەتكە بارىدىغان باشقا خىتايلارنىڭمۇ ئوخشاش ئەھۋاللارغا يولۇقۇشى مۇمكىنلىكى ئۇقتۇرۇلدى.

باياناتتا، خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى، ۋاشىنگتون ئەلچىخانىسى ۋە ئامېرىكادا تۇرۇشلۇق كونسۇلخانىلىرىنىڭ ئامېرىكا دائىرىلىرىگە بۇ مەسىلە ھەققىدە نارازىلىق بىلدۈرگەنلىكى ئەسكەرتىلدى.

 

خىتاينىڭ ۋاشىنگتوندىكى باش ئەلچىخانىسى 29 - يانۋاردا ئېلان قىلغان باياناتىدا، بىر قىسىم خىتاي ئوقۇغۇچىلارنىڭ ۋاشىنگتوندىكى دۇللېس خەلقئارا ئايرودورومىغا كەلگەندىن كېيىن ئۇچرىغان ناچار مۇئامىلە سەۋەبىدىن ئامېرىكىغا نارازىلىق بىلدۈرگەنلىكى تەكىتلەنگەن ئىدى.

باياناتتا ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئېلېكترونلۇق ئۈسكۈنىلىرىنىڭ ئايرودرومدا تەكشۈرۈلگەنلىكى، ئۇلارنىڭ ئاتا-ئانىلىرى بىلەن ئالاقىلىشىشىمۇ توسۇپ قىلىنغانلىقى، يەنە بەزى ۋەقەلەردە خىتاي پۇقرالىرىنىڭ 10 سائەتكىچە تۇتۇپ تۇرۇلغانلىقى، چېگرا كونترول خادىملىرىنىڭ پوزىتسىيەلىرىنىڭ خىتاي ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئاكادىمىك خىزمەتلىرىنى قالايمىقانلاشتۇرۇپ،  ئېغىر پىسخىكىلىق زىيانلارغا سەۋەب بولغانلىقى بىلدۈرۈلگەن ئىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر