ئىسرائىلىيەنىڭ ھۇجۇملىرىدا قازا قىلغان پەلەستىنلىكلەر سانى 32705 كە يەتتى
ئىسرائىلىيە ئارمىيەسىنىڭ 2023-يىلى 7-ئۆكتەبىردىن بۇيان داۋاملاشتۇرۇۋاتقان غەززە ھۇجۇملىرىدا قازا قىلغانلار سانى 32 مىڭ 705 كە يەتتى.
2122483
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: غەززەدىكى پەلەستىن سەھىيە مىنىستىرلىقى باياناتچىسى ئەشرەف ئەلقۇدرە ئىسرائىلىيەنىڭ 176 كۈندىن بۇيان داۋام قىلىۋاتقان غەززە ھۇجۇملىرى توغرىسىدا مەلۇمات بەردى.