لويد ئوستىن ئۇكرائىنا مۇداپىئە مىنىستىرى ئۆمەرۇۋ بىلەن تېلېفونلاشتى

ئۇكرائىنا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى رۇستەم ئۆمەروۋ بىلەن كۆرۈشكەن ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى لويد ئوستىن دۆلىتىنىڭ ئۇكرائىنانى قوللايدىغانلىقىنى قايتا تەكىتلىدى.

2122441
لويد ئوستىن ئۇكرائىنا مۇداپىئە مىنىستىرى ئۆمەرۇۋ بىلەن تېلېفونلاشتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى (پېنتاگون) بايانات ئېلان قىلىپ، ئىككى مىنىستىرنىڭ تېلېفون سۆھبىتى ئۆتكۈزۈپ، رۇسىيە-ئۇكرائىنا ئۇرۇشىغا مۇناسىۋەتلىك ئەڭ يېڭى ئۆزگىرىشلەرنى مۇزاكىرە قىلغانلىقىنى بىلدۈردى.

مىنىستىرلارنىڭ رۇسىيەنىڭ باشقۇرۇلىدىغان بومبا ھۇجۇملىرىنىڭ ئۇكرائىنادىكى شەھەرلەر ۋە ئۇل ئەسلىھەلەرگە كۆرسەتكەن تەسىرى توغرىسىدا سۆزلەشكەنلىكىگە ئىشارەت قىلىنغان باياناتتا، سۆھبەت دائىرىسىدە، ئۇكرائىنانىڭ قوشۇمچە زەمبىرەك، ھاۋا مۇداپىئە سىستېمىسى ۋە باشقا ئىقتىدارلارغا بولغان ئېھتىياجىنىڭمۇ مۇزاكىرە قىلىنغانلىقى قەيت قىلىندى.

باياناتتا، ئوستىن بىلەن ئۆمەروۋنىڭ ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى دۆلەت مەجلىسىنىڭ قوشۇمچە دۆلەت بىخەتەرلىك قانۇن لايىھەسىنى تېزدىن ماقۇللىشى كېرەكلىكى مەسىلىسىدە بىردەكلىك ھاسىل قىلغانلىقى، بۇ مەسىلىگە مۇناسىۋەتلىك ئالاقىنى داۋاملاشتۇرۇش توغرىسىدا كېلىشكەنلىكى تەكىتلەندى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر