زېلېنسكىي مۇسۇلمان ئەسكەرلەرگە ئىپتار بەردى

ئۇكرائىنا پىرېزىدېنتى ۋولودىمىر زېلېنسكىي كىيېۋدە ئارمىيەدە ۋەزىپە ئۆتەۋاتقان مۇسۇلمان ئەسكەرلەرگە بېرىلگەن ئىپتار زىياپىتىگە قاتناشتى.

2120643
زېلېنسكىي مۇسۇلمان ئەسكەرلەرگە ئىپتار بەردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئۇكرائىنا پىرېزىدېنتلىق مەھكىمىسى ئىشخانسىنىڭ باياناتىدا بىلدۈرۈلىشىچە، پىرېزىدېنت ۋولودىمىر زېلېنسكىي كىيېېۋدە مۇسۇلمان ئەسكەرلەرگە بېرىلگەن ئىپتار زىياپىتىگە قاتنىشىپ مۇھىم سۆز قىلغان.

ئىپتار زىياپىتىگە يەنە، ئۇكرائىنا سىياسەتچىلىرىدىن باشقا، تۈركىيە، تۈركمەنىستان، پەلەستىن، ئۆزبېكىستا، مىسىر، لىۋىيە، پاكىستان، ھىندونېزىيە، جەنۇبىي ئافرىقا، ئەزەربەيجان، ماراكەش، سۇدان، قاتار، ئىراق، قىرغىزىستان قاتارلىق دۆلەتلەرنىڭ باش ئەلچىلىرى ۋە قىرىم تاتارلىرىنىڭ مىللىي رەھبىرى مۇستافا ئابدۇلجەمىل قىرىمئوغلۇمۇ قاتناشتى.

پىرېزىدېنت زېلېنسكىي ئىپتار زىياپىتىدە، مۇسۇلمان ئەسكەرلەرگە مۇكاپات تەقدىم قىلغان ۋە ئۆتكەن يىلى (2023) بىر ئەنئەنىنى باشلىغانلىقلىرىنى بىلدۈردى.

ئۇ مۇبارەك رامىزاننى بىرلىكتە تەبرىكلىگەنلىكلىرىنى ئەسكەرتىپ: «بۈگۈن دۆلىتىمىزنىڭ سىياسىي رەھبەرلىكى، ھەربىي قوماندانلار، ئۇكرائىنادىكى مۇسۇلمان خەلقلەرنىڭ ۋەكىللىرى، قىرىم تاتار مىللىي مەجلىسى ۋە دىپلوماتىك جەمئىيەتلەر بىللە. بۈگۈن بۇ يەردە بىر يەردە ئولتۇرغانلىقىمىزدىن ناھايىتى خۇشالمەن. ئىتتىپاقلىق ئىنتايىن مۇھىم. بولۇپمۇ ھايات، ئۇرۇش ۋە ھۇجۇملارنىڭ كۆلەڭگىسى ئاستىدا تۇرۇۋاتقاندا تېخىمۇ مۇھىم» دېدى.

ئۇ ئاخىرىدا، دۆلىتىنى ۋە ئەركىنلىكلىرىنى قوغداۋاتقان ئۇكرائىنا ئارمىيەسىدە ۋەزىپە ئۆتەۋاتقان مۇسۇلمان ئەسكەرلەرنىڭ كۈرىشىنى تەقدىرلەپ، كۆرسەتكەن جاسارىتى ئۈچۈن تەشەككۈر ئېيتتى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر