ئىسرائىلىيە مىنىستىرى ب د ت خەۋپسىزلىك كېڭىشىنىڭ قارارىغا پېسەنت قىلمايدىغانلىقىنى بىلدۈردى
ئىسرائىلىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى يىسرائىل كاتز ب د ت خەۋپسىزلىك كېڭىشىنىڭ رامىزان ئېيى بويىچە غەززەدە ئۇرۇش توختىتىش قارارى چىقارغانلىقىغا پېسەنت قىلماستىن: «ئىسرائىلىيە ئۇرۇشنى توختاتمايدۇ. بىز ھاماسنى يوقىتىمىز» دېدى.
2120181
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: غەززە رايونىنىڭ ئوخشاش بولمىغان جايلىرىغا قۇرۇقلۇق، ھاۋا ۋە دېڭىز ئارقىلىق ئېلىپ بېرىۋاتقان ۋە 32 مىڭ پەلەستىنلىكنىڭ ئۆلتۈرۈلۈشىگە سەۋەب بولغان ئىسرائىلىيەنىڭ ھۇجۇملىرى 172 - كۈنىدىمۇ داۋاملاشماقتا.
رايوندىكى جىددىي ۋەزىيەتنى پەسەيتىش ئۈچۈن تۈنۈگۈن (25-مارت) مۇھىم بىر قەدەم تاشلانغان بولۇپ، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى خەۋپسىزلىك كېڭىشى 9 - ئاپرېلدا ئاخىرلىشىدىغان رامىزان ئېيى بويىچە غەززەدە ئۇرۇش توختىتىشنى قارار قىلغان ئىدى.
ئىسرائىلىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى يىسرائىل كاتز X ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىسىدىكى يازمىسىدا ئۇرۇش توختىتىش قارارى ئۈستىدە توختالدى.
ئۇ: «ئىسرائىلىيە ئۇرۇشنى توختاتمايدۇ. بىز ھاماسنى يوقىتىمىز ۋە ئاخىرقى (ئىسرائىلىيەلىك) ئەسىر قايتقانغا قەدەر ئۇرۇش قىلىمىز» دېدى.