ئامېرىكا سۈرىيەدە ئىراننىڭ قوللىشى ئاستىدىكى گۇرۇپپىلارغا ھاۋادىن ھۇجۇم قىلدى

سۈرىيەنىڭ دېيرىز زور ئۆلكىسىدىكى بەششار ئەسەد ھاكىمىيىتى سېپىدە ئورۇن ئالغان ئىراننىڭ قوللىشى ئاستىدىكى گۇرۇپپىلارنىڭ ھەربىي نۇقتىلىرىنى، ئامېرىكانىڭ ھاۋادىن بومباردىمان قىلغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلدى.

2120231
ئامېرىكا سۈرىيەدە ئىراننىڭ قوللىشى ئاستىدىكى گۇرۇپپىلارغا ھاۋادىن ھۇجۇم قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: «ئەل ۋاتان» گېزىتى ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىسى X دىكى يازمىسىدا، ئامېرىكانىڭ دېيرىز زور ئۆلكىسىدە ھاۋادىن زەربە بېرىش ھەرىكىتى ئېلىپ بارغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.  

يەرلىك مەنبەلەردىن ئىگىلەنگەن ئۇچۇرلارغا ئاساسلانغاندا، بىردىن كۆپ ئۇرۇش ئايروپىلانى دېيرىز زور شەھەر مەركىزىدە، ئەلبۇكەمال ۋە ئەلمەيادىن ناھىيەلىرىدە بىر ئوق- دورا ئىسكىلاتىنىمۇ قوشقاندا، جەمئىي 10 ھەربىي نۇقتىنى ھۇبومباردىمان قىلغان.

گەرچە ئامېرىكا تەرەپ بۇ ھەقتە تېخىچە بىرەر رەسمىي بايانات ئېلان قىلمىغان بولسىمۇ، ئەمما سۈرىيە ھاكىمىيىتىگە يېقىن ئىجتىمائىي ئالاقە تور بەتلىرى، ھۇجۇمدا ئىراننىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك بىر قوماندانىنىڭ ئۆلتۈرۈلگەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرمەكتە.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر