پ ك ك تەرەپدارلىرى بېلگىيەدە قالايمىقانچىلىق پەيدا قىلدى
بېلگىيە پايتەختى بىريۇسسېلدىكى ياۋروپا پارلامېنتى ئالدىغا يىغىلغان بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى — پ ك ك تەرەپدارلىرى قالايمىقانچىلىق پەيدا قىلىپ، توسۇقلارنى ئۆرۈپ، ساقچىلارغا ھۇجۇم قىلدى.
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تەشكىلاتقا سىمۋوللۇق قىلىدىغان لاتىلار بىلەن تەشكىلات كاتتىباشلىرىنىڭ رەسىملىرىنى كۆتۈرۈۋېلىشقان بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى تەرەپدارى 150 كىشى تۈنۈگۈن شۇ يەر ۋاقتى سائەت 12:00 دە ياۋروپا پارلامېنتى ئالدىدىكى لىيۇكسېمبۇرگ مەيدانىغا يىغىلىپ قالايمىقانچىلىق چىقاردى، تۈركىيەگە قارشى شوئارلارنى توۋلىدى.
تەشكىلات تەرەپدارلىرى مەيدان ئەتراپىدىكى توسۇقلارنى پاچىلاپ، ساقىچلارغا ئاتتى. ساقچىلار ئۆزلىرىگە ئورۇندۇق ۋە تاشلارنى ئېتىپ ھۇجۇم قىلغان پ ك ك تەرەپدارلىرىنى ياش ئاققۇزۇش بومبىسى ئىشلىتىپ تارقاقلاشتۇرۇشقا تىرىشتى.
ئۇلار ئالدى بىلەن تۈركىيەنىڭ بىريۇسسېلدىكى ئەلچىخانىسى جايلاشقان كوچىغا، ئاندىن ياۋروپا ئىتتىپاقى ئورگانلىرى جايلاشقان شۇمان مەيدانىغا قاراپ ئىلگىرىلىمەكچى بولغان بولسىمۇ، ساقچىلارنىڭ توسىقىغا دۇچ كەلدى.