كولومبىيە پىرېزىدېنتى پېترو غەززەنى خىروشىماغا ئوخشاتتى

كولومبىيە پىرېزىدېنتى گۇستاۋ پېترو ئىسرائىلىيەنىڭ ھۇجۇملىرىدا 32 مىڭدىن ئارتۇق كىشىنىڭ ھاياتىدىن ئايرىلغانلىقىنى ئەسكەرتىپ، غەززەدە يۈز بېرىۋاتقان ئىشلارنى ئاتوم بومبىسى تاشلانغان ياپونىيەنىڭ خىروشىما شەھىرىگە ئوخشاتتى.

2120438
كولومبىيە پىرېزىدېنتى پېترو غەززەنى خىروشىماغا ئوخشاتتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: كولومبىيە پىرېزىدېنتى گۇستاۋ پېترو ئىجتىمائىي تاراتقۇدىكى ئادرېسىدا غەززەدىكى ئاچارچىلىق سەۋەبىدىن قازا قىلغان پەلەستىنىكلەرگە مۇناسىۋەتلىك بىر خەۋەرنى ھەمبەھرىلەپ: «ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى خىروشىماغا ئاتوم بومبىسى تاشلىغاندا، ئۇ يەردە 77 مىڭدىن ئارتۇق ئادەم قازا قىلغانىدى. بۈگۈن ياپونىيەگە سېلىشتۇرغاندا خېلىلا كىچىك بولغان بىر دۆلەتتە — پەلەستىندە، يەنى خىروشىمادىن كىچىك بىر شەھەر بولغان غەززەدىكى بومباردىمانلاردا 32 مىڭدىن ئارتۇق ئادەم قازا قىلدى. ئوخشاش ھېكايە» دېدى.

پىرېزىدېنت پېترو غەززەدە كەلتۈرۈپ چىقىرىلغان ۋەيرانچىلىقنى تىلغا ئېلىپ: «دۇنيانىڭ چوڭ پايتەختلىرى ئىنسانىيەتكە ئۆزلىرىنىڭ بۇيرۇقلىرىنى تېڭىش ئۈچۈن، غايەت زور ھەربىي كۈچلىرىنى ئاڭسىزلارچە ئىشقا سالماقتا» دېگەنلەرنى قەيت قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر