ئىستانبۇلدىكى رۇسىيە كونسۇلخانىسى ئالدىغا گۈل-چېچەك قويۇلدى

رۇسىيەنىڭ پايتەختى موسكۋادا كونسېرت زالىدا يۈز بەرگەن تېرورلۇق ھۇجۇمىدا ھاياتىدىن ئايرىلغانلار ئۈچۈن 24-مارت مەملىكەتلىك ماتەم كۈنى ئېلان قىلىندى.

2119430
ئىستانبۇلدىكى رۇسىيە كونسۇلخانىسى ئالدىغا گۈل-چېچەك قويۇلدى
istanbul’daki rus konsoloslugunda yas.jpg
istanbul’daki rus konsoloslugunda yas.jpg
istanbul’daki rus konsoloslugunda yas.jpg

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: مەملىكەتلىك ماتەم سەۋەبىدىن رۇسىيەنىڭ ئىستانبۇلدىكى باش كونسۇلخانىسىدا بايراق يېرىم چۈشۈرۈلدى.

موسكۋادىكى «كروكۇس شەھەر زالى» ناملىق كونسېرت زالىدا يۈز بەرگەن تېرورلۇق ھۇجۇمىدا 133 كىشى قازا قىلىپ، 100 دىن ئارتۇق كىشى يارىلاندى.

رۇسىيە پىرېزىدېنتى ۋىلادىمىر پۇتىن ئاممىغا قىلغان سۆزىدە، «24-مارتنى مەملىكەتلىك ماتەم كۈنى ئېلان قىلىمەن» دېدى. مەملكەتلىك ماتەم ئېلان قىلىنغاندىن كېيىن، ئىستانبۇل ئىستىقلال كوچىسىدىكى رۇسىيە باش كونسۇلخانىسىدىمۇ بايراق يېرىم چۈشۈرۈلدى.

تېررورلۇق ھۇجۇمىدا قۇربان بولغانلار ئۈچۈن رۇسىيە باش كونسۇلخانىسىنىڭ ئالدىغا گۈل – چېچەك ۋە ئويۇنچۇقلار قويۇلدى.

 



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر