ئافغانىستاندىكى كەلكۈن ئاپىتىدە 50 ئادەم ئۆلدى

ئافغانىستاننىڭ ئوخشىمىغان رايونلىرىدا يۈز بەرگەن كەلكۈن ئاپىتىدە كەم دېگەندە 50 ئادەم ھاياتىدىن ئايرىلدى.

2138245
ئافغانىستاندىكى كەلكۈن ئاپىتىدە 50 ئادەم ئۆلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئافغانىستان تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، كەلكۈن ئاپىتى ئافغانىستاننىڭ شىمالىي ۋە شەرقىي شىمال رايونلىرىغا ئېغىر تالاپەت يەتكۈزگەن.

شىمالىي باغلان شەھەرلىك جىددىي ئەھۋاللارغا تاقابىل تۇرۇش باشقارمىسىنىڭ باشلىقى ھىدايىتۇللاھ ھەمدەرد، مەركىزىي ئورگىنى كابۇلغا جايلاشقان «‹Tolo News› ئاگېنتلىقى» غا بەرگەن باياناتىدا، مۇنداق دېدى:

«بۇرقا، ناھرېن ۋە ئوتتۇرا باغلان رايونلىرىدا يۈز بەرگەن كەلكۈن ئاپىتىدە ھازىرغىچە كەم دېگەندە  50 ئادەم ھاياتىدىن ئايرىلدى.»

ئالاقىدار تارماقلارنىڭ بىلدۈرۈشىچە، كەلكۈن ئاپىتىدە تالاپەتكە ئۇچرىغان رايونلارغا جىددىي ياردەم بېرىش خىزمىتى باشلانغان.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر