ئامېرىكادا ۋاقىتلىق خامچوت تەستىقلاندى

ئامېرىكا پىرېزىدېنتى جو بايدىن خامچوت قانۇن لايىھىسىنى تەستىقلىدى. يېرىم كۈن تاقالغان دۆلەت ئورگانلىرى قايتىدىن ئېچىلدى.

2119395
ئامېرىكادا ۋاقىتلىق خامچوت تەستىقلاندى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكا پالاتاسىنىڭ ھەر ئىككى قانىتى تەڭ تەستىقلىغان 1 تىرىليون 200 مىليون دوللارلىق خامچوت رەسمىي يولغا قويۇلدى.

بايدىن بۇ خامچوتنىڭ ئامېرىكالىقلارنىڭ كەلگۈسىگە مەبلەغ سېلىش ئىكەنلىكىنى، ئىقتىساد ۋە دۆلەت بىخەتەرلىكىنى كۈچەيتىدىغانلىقىنى ئېيتتى.

گەرچە خامچوت قوبۇل قىلىنغان بولسىمۇ، ئەمما جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيەسى چېگرا بىخەتەرلىكىگە ئاجرىتىلغان مەبلەغتىن رازى بولمىدى.

بايدىنمۇ قوشۇمچە قانۇنلار بىلەن چېگرا بىخەتەرلىك تەدبىرلىرىنى مۇزاكىرىلىشىش كېرەكلىكىنى ئېيتتى.

سابىق پىرېزىدېنت دونالد ترامپنى قوللايدىغان جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيەسى «دۆلەت قەرزى 35 تىرىليون دوللارغا يەتكەن ئامېرىكادا بۇنداق چوڭ خامچوت كەلگۈسى ئۈچۈن ياخشى ئەمەس» دېگەن قاراشلىرىنى بىلدۈرمەكتە.

1 تىرىليون 200 مىليارد دوللارلىق ۋاقىتلىق خامچوتتا يەنە، ئىسرائىلىيە ئۈچۈنمۇ 3 مىليارد 800 مىليون دوللارلىق مۇداپىئە ياردەم يۈرۈشلۈك پۇلىنىڭ بارلىقى ھەممىنىڭ دىققىتىنى تارتماقتا.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر