رۇسىيە ياۋروپانىڭ تاشلىغۇسى قەدەملىرىگە ئىنكاس قايتۇرىدىغانلىقىنى بىلدۈردى

رۇسىيە پىرېزىدېنتلىق مەھكىمىسى — كىرېمىل باياناتچىسى دىمىترىي پېسكوۋ: «بىز غەرب دۆلەتلىرىنىڭ رۇسىيەنىڭ مال-مۈلۈكلىرىگە قارشى تاشلىغۇسى قەدەملىرىگە جاۋاب قايتۇرىمىز» دېدى.

2118821
رۇسىيە ياۋروپانىڭ تاشلىغۇسى قەدەملىرىگە ئىنكاس قايتۇرىدىغانلىقىنى بىلدۈردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: دىمىترىي پېسكوۋ ژۇرنالىستلارنىڭ <غەرب دۆلەتلىرىنىڭ رۇسىيەنىڭ توڭلىتىلغان مال-مۈلۈكلىرىدىن قىلىنغان كىرىمنى ئۇكرائىناغا بېرىش مۇمكىنچىلىكى> توغرىسىدىكى سوئالىغا جاۋاب بەردى.

رۇسىيەنىڭ تاشلانغۇسى قەدەملەرگە جاۋاب قايتۇرىدىغانلىقىنى تەكىتلىگەن پېسكوۋ: «بىز ھازىر بار بولغان بارلىق قانۇنىي مېخانىزملارنى، شۇنداقلا كەلگۈسىدە بارلىققا كېلىدىغان يېڭى مېخانىزملارنى ئىشقا سالىمىز» دېدى.

ئۇ رۇسىيەنىڭ غەرب دۆلەتلىرىگە قايتۇرىدىغان ئىنكاسىنىڭ بىۋاسىتە جاۋاب قايتۇرۇش شەكلىدە بولمايدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ: «بىز ئۆزىمىزنىڭ مەنپەئەتىگە ماس كېلىدىغان ئوخشىمىغان ئۇسۇللارنى تاللايمىز» دېگەنلەرنى قەيت قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر