قەندەھاردا بانكادا ئادەم بومبا ھۇجۇمى يۈز بەرگەن

ئافغانىستاننىڭ جەنۇبىغا جايلاشقان قەندەھار ۋىلايىتىدە تۈنۈگۈن (21-مارت) ئادەم بومبا ھۇجۇمى يۈز بېرىپ، 26 كىشى جېنىدىن ئايرىلدى.

2118778
قەندەھاردا بانكادا ئادەم بومبا ھۇجۇمى يۈز بەرگەن

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ب ب س (BBC) نىڭ قەندەھار ۋىلايىتىدىكى ئەڭ چوڭ بولغان مىرۋەيىس دوختۇرخانىسىنىڭ بىر دوختۇرىنىڭ ۋەقە توغرىسىدا ئېيتقانلىرىنى نەقىل قىلغان خەۋىرىدە بىلدۈرۈلىشىچە، تۈنۈگۈنكى ئادەم بومبا ھۇجۇمىدا جېنىدىن ئايرىلغانلار 26 گە، يارىلانغانلار 38 گە يەتكەن.

كابۇل بانكاسىنىڭ قەندەھاردىكى شۆبىسىدە ئەتىگەن تەرەپتە ئادەم بومبا ھۇجۇمى يۈز بەرگەن ئىدى. ھۇجۇمغا ھازىرچە ھېچقانداق تەشكىلات ياكى شەخس مەسئۇل ئىكەنلىكىنى ئېلان قىلمىدى.

ئافغانستان تاراتقۇلىرىدىكى خەۋەرلەردە قەيت قىلىنىشىچە، ھۇجۇم دۆلەت مەمۇرلىرى مائاشىنى ئېلىش ئۈچۈن بانكادا ئۆچىرەتتە تۇرۇۋاتقاندا يۈز بەرگەن.

تالىبان 2021-يىلى ئاۋغۇستتا ئافغانىستانغا ھۆكۈمرانلىق قىلىشنى باشلىغاندىن تارتىپ، خەۋپسىزلىكتە ئىلگىرىلەشلەر بارلىققا كەلگەن بولسىمۇ، ئەمما پات-پات زوراۋانلىق ھۇجۇملىرى يۈز بېرىپ تۇرماقتا.

ئىلگىرى نوپۇسىنىڭ كۆپ قىسمى شىئە بولغان ھازارلارغا قىلىنغان ھۇجۇملارنىڭ جاۋابكارلىقىنى تېررورلۇق تەشكىلاتى دائېش ئۈستىگە ئالغان ئىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر