بلىنكېن: رەفاھقا ھۇجۇم قىلىشنىڭ خاتا ئىكەنلىكىنى چۈشەندۈرىمەن

ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئانتونى بلىنكېن ئىسىرائىلىيە زىيارىتىدە دائىرىلەرگە «غەززەنىڭ جەنۇبىدىكى رەفاھ شەھىرىگە ھۇجۇم قىلىشنىڭ خاتا بولىدىغانلىقى» نى چۈشەندۈرىدىغانلىقىنى ئېيتتى.

2118819
بلىنكېن: رەفاھقا ھۇجۇم قىلىشنىڭ خاتا ئىكەنلىكىنى چۈشەندۈرىمەن

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئوتتۇرا شەرق زىيارىتى دائىرىسىدە مىسىر پايتەختى قاھىرەگە يېتىپ بارغان ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئانتونى بلىنكېن، مەنسەپدېشى سامىھ شۈكرى بىلەن كۆرۈشتى.

ئۇ مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا، غەززەدە ئۇرۇش توختىتىشنىڭ «قىيىن، ئەمما مۇمكىن» ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.

ئۇ: «رەفاھقا قۇرۇقلۇقتىن ھۇجۇم قىلمايمۇ ھاماسنى يەڭگىلى بولىدۇ» دېدى.

ئۇ ئىسىرائىلىيەدە مەسئۇل دائىرىلەر بىلەن كۆرۈشۈپ، رەفاھقا ھۇجۇم قىلىشنىڭ «خاتا» بولىدىغانلىقىنى چۈشەندۈرىدىغانلىقىنى ئەسكەرتتى.

ئۇ مۇنداق دېدى:

«بىزنىڭ قارىشىمىزچە، ئىسىرائىلىيە-ھاماس ئۇرۇشىنىڭ ئاخىرلىشىشى، پەلەستىن دۆلىتىنىڭ قۇرۇلۇشى ۋە ئىسىرائىلىيەنىڭ بىخەتەرلىكىنىڭ كاپالەتكە ئىگە قىلىنىشىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ» دېدى.

ئانتونى بلىنكېن ئىسىرائىلىيە غەززەگە ھۇجۇم قىلىشنى باشلىغان 7-ئۆكتەبىر (2023) دىن بۇيان ئوتتۇرا شەرقنى ئالتە قېتىم زىيارەت قىلغان بولدى. ئۇ بۇ قېتىمقى ئالتىنچى قېتىملىق ئوتتۇرا شەرق زىيارىتىنى تۈنۈگۈن (21-مارت) سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ جىددە شەھىرىدىن باشلىغان ئىدى. ئۇنىڭ مىسىر زىيارىتىنى ئاخىرلاشتۇرۇپ ئىسىرائىلىيەگە بارىدىغانلىقى كۈتۈلمەكتە.  



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر