بلىنكېن بۈگۈن 6-قېتىملىق ئوتتۇرا شەرق زىيارىتىنى باشلايدۇ

ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئانتونى بلىنكېن غەززەدە ئېھتىمالى بولغان ئۇرۇش توختىتىش ئۈچۈن سەئۇدى ئەرەبىستان بىلەن مىسىرنى زىيارەت قىلىدۇ.

2117781
بلىنكېن  بۈگۈن 6-قېتىملىق ئوتتۇرا شەرق زىيارىتىنى باشلايدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئانتونى بلىنكېن فىلىپپىن زىيارىتى جەريانىدا ئوتتۇرا شەرقنى يەنە بىر قېتىم زىيارەت قىلىدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى.

ئۇ غەززەدە كىرىزىسنى ھەل قىلىش ۋە ئۇرۇش توختىتىش سۆھبەتلىرىنىڭ سۈرئىتىنى تېزلەشتۈرۈش مەقسىتىدە، بۈگۈن (20-مارت) سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ جىددە شەھىرىگە يېتىپ بارىدىغانلىقىنى، ئەتە (21-مارت) مىسىر پايتەختى قاھىرەنى زىيارەت قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. ئىسىرائىلىيەنى زىيارەت قىلىپ-قىلمايدىغانلىقى توغرىسىدا بىر نەرسە دېمىدى.

ئۇ رايوندا تىنچلىقنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن دىپلوماتىك ئۇچرىشىشلارنى ئۆتكۈزىدىغانلىقىنى قەيت قىلدى.

ئانتونى بلىنكېننىڭ بۇ قېتىمقى ئوتتۇرا شەرق زىيارىتى 7-ئۆكتەبىر (2023) دىن بۇيانقى 6-قېتىملىق زىيارىتى بولىدۇ.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر