ئىسرائىلىيەنىڭ دەمەشىقنىڭ بەزى جايلىرىغا ھاۋادىن ھۇجۇم قىلغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلدى
ئىسرائىلىيەنىڭ سۈرىيەنىڭ پايتەختى دەمەشىق ئەتراپىدىكى بىر قانچە نۇقتىغا ھاۋادىن ھۇجۇم قىلغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلدى.
2117474
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: سۈرىيە خەۋەر ئاگېنتلىقى «سانا»نىڭ ھەربىي مەنبەنى ئاساس قىلغان خەۋىرىدە كۆرسىتىلىشىچە، شۇ جاي ۋاقتى سائەت 2 دىن 10 مىنۇت ئۆتكەندە دەمەشىق ئەتراپىدىكى بەزى نۇقتىلارنىڭ ئىسرائىلىيەنىڭ گولان ئېگىزلىكى يۆنىلىشىدىن قىلغان ھاۋا ھۇجۇمىغا ئۇچرىغانلىقى بىلدۈرۈلدى.
خەۋەردە: «ھۇجۇمدا تالاپەت يۈز بەردى، ھاۋا مۇداپىئە سىستېمىسى بىر قىسىم دۈشمەن راكېتالىرىنى ئېتىپ چۈشۈردى» دېگەن ئىبارىلەرگە ئورۇن بېرىلدى.
ئىسرائىلىيە دائىرىلىرى ھازىرغىچە بۇ ھەقتە ھېچقانداق بايانات ئېلان قىلمىدى.