شىمالىي كورېيە زەمبىرەكچى قىسىملىرى مانېۋىر ئۆتكۈزدى

شىمالىي كورېيە رەھبىرى كىم جوڭئۇن يادرو ئىقتىدارىغا ئىگە ھەر خىل راكېتامىيوتلار قويۇپ بېرىلگەن زەمبىرەكچى قىسىملار مانېۋىرىنى كۆزەتتى.

2117507
شىمالىي كورېيە زەمبىرەكچى قىسىملىرى مانېۋىر ئۆتكۈزدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: شىمالىي كورېيە مەركىزى خەۋەر ئاگېنتلىقى، كىم جوڭئۇن نازارەت قىلغان مانېۋىردا قويۇپ بېرىلگەن كەم دېگەندە 6 راكېتامىيوتنىڭ سۈرىتىنى تارقاتتى.

كىم جوڭئۇن مانېۋىر دائىرىسىدە ئىشلىتىلگەن يادرو ئىقتىدارىغا ئىگە راكېتامىيوتلارنىڭ زەمبىرەكچى قىسىملارنىڭ «جەڭ قىلىش ئىقتىدارى» نى ئاشۇرىدىغانلىقىنى ئەسكەرتتى.

ئۇ دۆلىتىنىڭ كورېيە يېرىم ئارىلىدا ئۇرۇش يۈز بېرىپ قالسا، «سېئۇلنى يوقىتالىغۇدەك» ھەربىي قۇدرەتكە ئىگە ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، بۇنداق بىر ئۇرۇشنىڭ شىمالىي كورېيە «دۈشمەنلىرى» ئۈچۈن ئاپەت خاراكتېرلىك ئاقىۋەتلەرنى ئېلىپ كېلىدىغانلىقىنى ئېيتىپ ئاگاھلاندۇردى.

يەنە بىر تەرەپتىن، جەنۇبىي كورېيە باش قوماندانلىق ئىشتابى بايانات ئېلان قىلىپ، شىمالىي كورېيەنىڭ سۈرەتلەردە كۆرسىتىلگەندىنمۇ كۆپ راكېتا قويۇپ بەرگەنلىكىنى بىلدۈردى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر