ئىسىرائىلىيە غەززەنىڭ قايتا قۇرۇلۇشىنىڭ چىقىمىغا مەسئۇل ئەمەسلىكىنى بىلدۈردى

ئاشقۇن ئوڭچى مالىيە مىنىستىرى سموترىچ 7-ئۆكتەبىردىن بۇيان ئىسىرائىلىيە ئونمىڭلارچە توننا بومبا ئېتىپ، دوختۇرخانا، مەكتەپ، جامە، چېركاۋلارنى ۋە نۇرغۇن تۇرالغۇلارنى ۋەيران قىلغان«غەززەنىڭ قايتا قۇرۇلۇش چىقىمىغا ئىسىرائىلىيەنىڭ مەسئۇل ئەمەسلىكى»نى بىلدۈردى.

2116596
ئىسىرائىلىيە غەززەنىڭ قايتا قۇرۇلۇشىنىڭ چىقىمىغا مەسئۇل ئەمەسلىكىنى بىلدۈردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: غەززەدىكى ھۆكۈمەتنىڭ ئاخبارات ئىسخانىسى 29-فېۋرال (2024) يازما بايانات ئېلان قىلىپ، ئىسىرائىلىيە ئارمىيەسىنىڭ 7-ئۆكتەبىر (2023) دىن بۇيان غەززەگە 70 مىڭ توننادىن كۆپ پارتلاتقۇچ ئاتقانلىقىنى قەيت قىلدى.

باياناتتا بىلدۈرۈلىشىچە، ئىسىرائىلىيە ھۇجۇملىرىدا پۈتۈنلەي خانىۋەيران بولغان 70 مىڭ تۇرالغۇنى قوشقاندا جەمئىي 290 مىڭ تۇرالغۇ ئولتۇرغىلى بولمايدىغان ھالغا كەلگەن. 160 ھۆكۈمەت ئەسلىھەسى، 100 مەكتەپ ۋە ئۇنىۋېرستېت ۋەيران بولغان، 305 مەكتەپ ۋە ئۇنىۋېرستېت بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرىغان.

ئىسىرائىلىيە ئارمىيەسىنىڭ ھۇجۇمىدا يەنە، غەززەدە 211 جامە پۈتۈنلەي ۋەيران بولغان، 69 جامە بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرىغان ۋە ئۈچ چېركاۋ ۋەيران بولغان. 154 دوختۇرخانىنىڭ كۆپىنچىسى خىزمەت قىلالمايدىغان ھالغا كەلگەن. 200 تارىخىي ۋە مەدەنىيەت خاراكتېرلىك ئورۇن بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرىغان.

مالىيە مىنىستىرى بېزالېل سموترىچ ئىسىرائىلىيە كەلتۈرۈپ چىقارغان خانىۋەيرانچىلىقنىڭ مەسئۇلىيىتى ئۈستىدە توختالغاندا: «غەززەنىڭ قايتا قۇرۇلۇشىنىڭ چىقىمىغا بىز مەسئۇل ئەمەس» دېدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر