رۇسىيە پرېزىدېنتى ۋىلادىمىر پۇتىن خىتايدا زىيارەتتە بولىدۇ

رۇسىيە پىرېزىدېنتى ۋىلادىمىر پۇتىن 16-، 17-ماي كۈنلىرى شى جىنپىڭنىڭ تەكلىپىگە بىنائەن خىتايدا دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىدە بولىدۇ.

2139463
رۇسىيە پرېزىدېنتى ۋىلادىمىر پۇتىن خىتايدا زىيارەتتە بولىدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىگىلىنىشىچە، خىتاي دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ بىلەن رۇسىيە پىرېزىدېنتى ۋىلادىمىر پۇتىن كەڭ دائىرىلىك ھەمكارلىق ۋە ئۆزئارا ئىستراتېگىيەلىك ئالاقىگە مۇناسىۋەتلىك بارلىق مەسىلىلەرنى تەپسىلىي مۇزاكىرە قىلىدىكەن. رۇسىيە- خىتاي ئەمەلىي ھەمكارلىقىنى يەنىمۇ تەرەققىي قىلدۇرۇشنىڭ ئاساسىي يۆنىلىشى بېكىتىلىدىغان ئۇچرىشىشتا، خەلقئارا ۋە رايوننىڭ نۆۋەتتىكى مەسىلىلىرى توغرىسىدىمۇ پىكىر ئالماشتۇرۇلىدىكەن.

سۆھبەتلەردىن كېيىن، ئىككى دۆلەت رەھبىرىنىڭ  قوشما بايانات ئېلان قىلىشى ۋە بىر قىسىم ئىككى تەرەپلىك ھۆججەتلەرگە ئىمزا قويۇشى پىلانلانماقتا ئىكەن.

پۇتىن بىلەن شى ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدا دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورنىتىلغانلىقى ۋە رۇسىيە-خىتاي مەدەنىيەت يىللىرى يولغا قويۇلغانلىقىنىڭ 75 يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن ئۆتكۈزۈلىدىغان كېچىلىك پائالىيەتكە ئىشتىراك قىلىدىكەن.

رۇسىيە پىرېزىدېنتى پۇتىننىڭ خىتاي باش مىنىستىرى لى چياڭ بىلەن كۆرۈشۈپ، سودا، ئىقتىساد ۋە ئىنسانپەرۋەرلىك ساھەلىرىدىكى ئىككى تەرەپلىك ھەمكارلىقنى مۇزاكىرە قىلىدىكەن.

پۇتىن يەنە خېيلوڭچياڭ ئۆلكىسىنىڭ مەركىزى خاربىنغا بېرىپ، 8-نۆۋەتلىك رۇسىيە- خىتاي يەرمەنكىسى ۋە 4-نۆۋەتلىك رۇسىيە- خىتاي رايونلۇق ھەمكارلىق مۇنبىرىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىغا قاتنىشىدىكەن.

خىتاي ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى بىلەن بولغان جۇغراپىيەلىك سىياسىي رىقابەت ۋە ئاسىيا-تىنچ ئوكياندىكى جىددىيلىك كۈنسېرى كۈچىيىۋاتقان بىر پەيتتە، ئۇكرائىنا بىلەن بولغان ئۇرۇش سەۋەبىدىن مۇشۇنىڭغا ئوخشاش خىرىسلارغا دۇچ كېلىۋاتقان رۇسىيە بىلەن يېقىنلىشىش سىياسىتىنى يولغا قويماقتا.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر