ۋاشىنگتوندا قوراللىق ھۇجۇم يۈز بەردى

ئامېرىكا پايتەختى ۋاشىنگتوندا يۈز بەرگەن قوراللىق ھۇجۇمدا، ئىككى كىشى جېنىدىن ئايرىلدى، بەش كىشى يارىلاندى.

2116630
ۋاشىنگتوندا قوراللىق ھۇجۇم يۈز بەردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ۋاشىنگتون ساقچى ئىدارىسىنىڭ باشلىقى جېفرېي كاررول (Jeffrey Carroll) شەھەرنىڭ غەربىي شىمالىدا قوراللىق ھۇجۇم قىلىش ۋەقەسى يۈز بەرگەنلىكىنى بىلدۈرۈپ، ئىككى كىشىنىڭ ۋەقەدە جېنىدىن ئايرىلغانلىقىنى، بەش كىشىنىڭ يارىلانغانلىقىنى ۋە بۇلارنىڭ دوختۇرخانىغا داۋالاش ئاستىغا ئېلىنغانلىقىنى قەيت قىلدى.

ئۇ سۆزىدە، جىنايەتچىنىڭ ھازىرغىچە تۇتۇلمىغانلىقىنى ئەسكەرتتى.

پايتەخت ۋاشىنگتوندا ئۆتكەن يىلى (2023) جىنايەت نىسبىتى %35، ماشىنا ئوغرىلىقى ئىككى ھەسسە كۆپەيگەن ئىدى.

ۋاشىنگتون يەرلىك ھۆكۈمىتى ۇيانۋاردا (2024) جىنايەت نىسبىتىنى تۆۋەنلىتىش تەكلىپ قىلىنغان جامائەت بىخەتەرلىقى قانۇنى چىقارغان ئىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر