ياپونىيە ئايروپىلانلىرى خىتاي ئايروپىلانلىرىنى توسۇش ئۈچۈن كۆككە كۆتۈرۈلدى
ياپونىيە كۈرەشچى ئايروپىلانلىرى شەرقىي دېڭىزدا خىتاي ئايروپىلانلىرىنى توسۇش ئۈچۈن كۆككە كۆتۈرۈلدى.
2115366
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ياپونىيە كۈرەشچى ئايروپىلانلىرى مىياكو بوغۇزى بىلەن ئوكىناۋا ئارىسىدىن غەربىي تىنچ ئوكيانغا قاراپ ئۇچۇۋاتقان خىتاينىڭ ئۈچ دانە ئايروپىلانىغا قارشى كۆككە كۆتۈرۈلدى.
ياپونىيە ئۆزىنى قوغداش ئارمىيەسى باياناتىدا، «<Y-9> ئىستىخبارات ئايروپىلانى ۋە <H-6> بومباردىمان ئايروپىلانى تىنچ ئوكيان ئاسمىنىدا ئۇچۇۋاتقاندا، بىر خىتاي ئۇچقۇسىنىڭمۇ مەزكۇر ھاۋا تەۋەلىكىدىن ئۇچۇپ ئۆتكەنلىكى تەخمىن قىلنماقتا» دېيىلدى.