ئامېرىكا ئاۋام پالاتاسى تىكتوكنى چەكلەش قانۇن لايىھەسىنى ماقۇللىدى

ئامېرىكا ئاۋام پالاتاسى «دۆلەت خەۋپسىزلىكىگە مۇناسىۋەتلىك مەسىلە پەيدا قىلىش» سەۋەبى بىلەن، تىكتوكنى مەنئى قىلىش قانۇن تەكلىپ لايىھەسىنى تەستىقلاپ، كېڭەش پالاتاسىغا ئەۋەتتى.

2115187
ئامېرىكا ئاۋام پالاتاسى تىكتوكنى چەكلەش قانۇن لايىھەسىنى ماقۇللىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئاۋام پالاتاسى تىكتوكنى مەنئى قىلىش قانۇن تەكلىپ لايىھەسىنى تەستىقلىدى. پالاتادا ئۆتكۈزۈلگەن ئاۋاز بېرىشتە، 65 كە قارشى 352 ئاۋازنىڭ قوللىشى بىلەن، «ئامېرىكالىقلارنى چەت ئەل دۈشمەنلەرچە كونترول قىلغان يۇمتاللاردىن قوغداش قانۇنى» ناملىق تەكلىپ لايىھەسى ماقۇللاندى.

قانۇن لايىھەسى تىكتوكنىڭ خىتاينىڭ بايتدەنس (ByteDance) شىركىتىنىڭ شىركەتنى سېتىشىنى، ئەكسىچە بولغاندا، تىكتوكنىڭ مۇناسىۋەتلىك يۇمتال ماگېزىنلىرىدىن بەش ئايلىق مۇددەت بىلەن چەكلەشنى ياكى پۈتۈنلەي چەكلەشنى تەكلىپ قىلىدۇ.

جۇمھۇرىيەتچىلەر بىلەن دېموكراتلارنىڭ بىرلىكتە ئاۋاز بېرىشى بىلەن قوبۇل قىلىنغان لايىھەنى قوللىغانلار، خىتاينىڭ بايتدەنس شىركىتىنىڭ تىكتوك ئارقىلىق قولغا چۈشۈرگەن ئامېرىكا پۇقرالىرىنىڭ ئۇچۇرلىرىنى خىتاي ھاكىمىيىتىگە يەتكۈزۈدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويماقتا. قانۇن لايىھەسىگە قارشى چىققان كونگرە ئەزالىرى بولسا، «تىكتوك توپلىغان ئۇچۇرلىرىنى خىتاي ھاكىمىيتىگە بېرىدۇ» دېگەن ئەيىبلەشكە ئىسپات بولۇشى كېرەكلىكىنى، يۇمتالنى مەنئى قىلىشنىڭ «پىكىر ئەركىنلىكىنى چەكلەش» بولىدىغانلىقىنى بايان قويماقتا.

تىكتوك شىركىتى يۇمتالنى مەنئى قىلىشنىڭ ئەمەلىيەتكە ئۇيغۇن ئەمەسلىكىنى ۋە ئۆزلىرىنىڭ ئامېرىكادىكى باشقا ئىجتىمائىي تاراتقۇ سۇپىلىرىغا ئوخشاش، پۈتۈنلەي ئامېرىكا قانۇنلىرىغا ئاساسەن خىزمەت قىلغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرمەكتە.

قانۇن تەكلىپ لايىھەسى ئاۋام پاتاسىدا مۇتلەق ئۈستۈلۈك بىلەن ماقۇللانغاندىن كېيىن، ھەممىنىڭ دىققىتى كېڭەش پالاتاسىغا مەركەزلەشتى.

پىرېزىدېنت بايدىن قانۇن تەكلىپ لايىھەسى ئۈستىلىگە قويۇلغان ئەھۋالدا، دۆلەت خەۋپسىزلىكىگە بولغان سەزگۈرلۈكى سەۋەبىدىن تەستىقلايدىغانلىقىنى جاكارلىغان ئىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر