ھاماس ئىسرائىلىيە بىلەن ئۆتكۈزۈلۈۋاتقان سۆھبەتلەر ھەققىدە بايانات ئېلان قىلدى

پەلەستىن ئىسلامىي قارشىلىق كۆرسىتىش ھەرىكىتى — ھاماس سىياسىي بىيۇروسى باشلىقى ئىسمائىل ھەنىييە: «(جەڭ) مەيدانى ۋە سۆھبەت ئىككى پاراللېل سىزىق» دېدى.

2115248
ھاماس ئىسرائىلىيە بىلەن ئۆتكۈزۈلۈۋاتقان سۆھبەتلەر ھەققىدە بايانات ئېلان قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ھاماس سىياسىي بىيۇروسى باشلىقى ئىسمائىل ھەنىييە يازما بايانات ئېلان قىلىپ، ئامېرىكا پىرېزىدېنتى جو بايدىننىڭ پوزىتسىيەسىنىڭ نۇتۇقتا ئۆزگەرگەنلىكىنى، ئەمەلىيەتتە بولسا، سىناق قىلىنغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، غەززە خەلقى دۇچار بولۇۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىق ۋە ئاچارچىلىق سىياسىتىگە خاتىمە بېرىش ئۈچۈن، تېخىمۇ كۆپ كۈچ چىقىرىش كېرەكلىكىنى تەكىتلىدى.

ئىسمائىل ھەنىييە ئىسرائىلىيە بىلەن ئېلىپ بېرىلىۋاتقان سۆھبەتلەر ھەققىدە توختىلىپ: «مەيدان ۋە سۆھبەت ئىككى پاراللېل سىزىق. ھاماس سۆھبەتلەردە دىققىتىنى قارشىلىق كۆرسىتىش ھەرىكىتىنىڭ ئىقتىدارى ۋە چوڭلۇقىغا مەركەزلەشتۈرۈپ، پۈتۈن كۈچى بىلەن پەلەستىن خەلقىگە قارىتىلغان ھۇجۇملارنى توختىتىشقا تىرىشىدۇ» دېدى.

ئۇ يەنە ئىسرائىلىيە ياراشماسلىق پوزىتسىيەسىدىن ۋاز كەچسە، كۆپ باسقۇچلۇق كېلىشىم ھاسىل قىلىش پۇرسىتى بارلىقىنى بىلدۈردى.

ئىسرائىلىيەنىڭ 7-ئۆكتەبىردىن بۇيان داۋاملىشىپ 31 مىڭ ئادەمنىڭ جېنىغا زامىن بولغان غەززە ھۇجۇملىرىنى توختىتىش مەقستىدە،  ھاماس بىلەن ئىسرائىلىيە ئوتتۇرىسىدا ئۇرۇش توختىتىش ۋە ئەسىر ئالماشتۇرۇش سۆھبەتلىرى داۋام قىلماقتا.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر