خىتاي ئامېرىكانىڭ تەيۋەن بىلەن ھەربىي مۇناسىۋەت ئورنىتىشىغا قاتتىق نارازىلىق بىلدۈردى

خىتاي ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ 2025 - يىللىق خامچوت تەكلىپىدە، تەيۋەننىڭ مۇداپىئەسىگە ياردەم بېرىش ئۈچۈن پۇل ئاجرىتىش تەلىپىدە بولغانلىقىغا قاتتىق نارازىلىق بىلدۈردى.

2114697
خىتاي ئامېرىكانىڭ تەيۋەن بىلەن ھەربىي مۇناسىۋەت ئورنىتىشىغا قاتتىق نارازىلىق بىلدۈردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى باياناتچىسى ۋاڭ ۋىنبىن پايتەخت بېيجىڭدا ئۆتكۈزۈلگەن كۈندىلىك ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا، ئامېرىكانىڭ تەيۋەن بىلەن ھەربىي مۇناسىۋەت ئورنىتىشىغا شۇنداقلا تەيۋەنگە قورال سېتىپ بېرىشىگە قارشى تۇرىدىغانلىقلىرىنى تەكىتلىدى.

باياناتچى ۋاڭ ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنى «بىر خىتاي» پىرىنسىپىدا چىڭ تۇرۇپ، خىتاينىڭ ئىچكى ئىشلىرىغا ئارىلىشىشنى توختىتىشقا چاقىرىق قىلدى ۋە «خىتاي ئىگىلىك ھوقۇقى ۋە زېمىن پۈتۈنلۈكىنى قوغداش ئۈچۈن كېرەكلىك قەدەملەرنى تاشلايدۇ» دېدى.

باياناتچى ۋاڭ ۋاشىنگتون دائىرىلىرىنىڭ خىتاي توغرىسىدىكى خاتا تونۇشىنى داۋاملاشتۇرىۇۋاتقانلىقىنى، مەنپىي رىقابەت ئۇقۇمى بىلەن مۇناسىۋەتلەرگە ئېنىقلىما بېرىشنىڭ ۋە نۆل يىغىندىلىق ئويۇننىڭ لوگىكىسى بىلەن قارشى تەرەپنى يوقىتىشقا ئۇرۇنۇشنىڭ پەقەت ئىككى دۆلەتنى توقۇنۇشقا شۇنداقلا دۈشمەنلىشىشكە ئېلىپ بارىدىغانلىقىنى ئېيتتى.

باياناتچى ۋاڭ ئالدىنقى ھەپتىمۇ خىتاي دۆلەت خەلق قۇرۇلتىيىدا چاقىرغان مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا، دىپلوماتىيە مىنىستىرى ۋاڭ يىنىڭ سۆزلىرىنى تەكرارلاپ: «ئەگەر ئامېرىكا خىتاينى باستۇرۇش تەرسالىقىنى داۋاملاشتۇرىدىغان بولسا، ئاخىرىدا ئۆزىگە زىيان سالىدۇ» دېگەن ئىدى.

ئامېرىكا ھۆكۈمىتى 2025 - يىللىق خامچوت تەكلىپىدە، تەيۋەننىڭ ئۆزىنى مۇداپىئە قىلىشغا ياردەم بېرىش ئۈچۈن تۇنجى قېتىم 100 مىليون دوللارلىق ئالاھىدە مەبلەغ ئاجرىتىشنى تەلەپ قىلغان ئىدى.

ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقىمۇ ئامېرىكانىڭ تىنچ ئوكياندىكى چېكىندۈرگۈچ كۈچ ئىقتىدارى دائىرىسىدە، تەيۋەننىڭ رايوندىكى تاجاۋۇزچىلىققا قارشى قورال ئامبىرىنى يېڭىلىيالىشى ئۈچۈن 500 مىليون دوللارلىق خامچوت ئاجرىتىپ بېرىش كېرەكلىكىنى تەلەپ قىلغان ئىدى.

خىتاي ئۆز زېمىنىنىڭ بىر قىسمى دەپ دەۋا قىلىپ كېلىۋاتقان تەيۋەن، 1949-يىلدىن بۇيان ئەمەلىي شەكىلدە مۇستەقىللىقىنى ساقلاپ كەلمەكتە.

 



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر