ھىندىستان بىردىن كۆپ ئوق بېشى ئېلىپ يۈرەلەيدىغان يەرلىك باشقۇرۇلىدىغان بومبىسىنى سىناق قىلدى

ھىندىستان بىردىن كۆپ ئوق بېشى ئېلىپ يۈرۈش ئىقتىدارىغا ئىگە يەرلىك باشقۇرۇلىدىغان بومبىسىنىڭ تۇنجى ئېتىش سېنىقىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك ئېلىپ باردى.

2114145
ھىندىستان بىردىن كۆپ ئوق بېشى ئېلىپ يۈرەلەيدىغان يەرلىك باشقۇرۇلىدىغان بومبىسىنى سىناق قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ھىندىستان باش مىنىستىرى نارېندرا مودى X ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىسىدا ھەمبەھىرلىگەن ئۇچۇرىدا، سىناق ئېتىشىنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك ئېلىپ بېرىلغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، مۇداپىئە سانائىتىنىڭ تەرەققىياتى ئۈستىدە توختالدى.

نارېندرا مودى بۇ باشقۇرۇلىدىغان بومبىغا بىر-بىرىدىن مۇستەقىل نىشانلارغا ئايرىم ئايرىم زەربە بېرەلەيدىغان بىردىن كۆپ ئوق بېشى ئورنىتىلغانلىقىنى بىلدۈردى.  



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر