ۋېنېزۇئېلا پىرېزىدېنتى نىكولاس مادۇرو مۇسۇلمانلارنىڭ رامىزان ئېيىنى تەبرىكلىدى
مادۇرو نۇرغۇنلىغان مۇسۇلمان دۆلەتلىرىدە رامىزاننىڭ باشلىنىشى مۇناسىۋىتى بىلەن، ئىجتىمائىي ئالاقە تور بېتى ئېكس (X) دا تەبرىكنامە ھەمبەھىرلىدى.
2113647
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ۋېنېزۇئېلا پىرېزىدېنتى مادۇرو رامىزان تەبرىكنامىسىدە، «دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى مۇسۇلمان قېرىنداشلىرىمىزنىڭ رامىزان ئېيىىنىڭ باشلىنىشى مۇبارەك بولسۇن، بۇ مۇقەددەس ئايدا تەڭرىنىڭ سىلەرگە ئامانلىق، خاتىرجەملىك ۋە شاد-خوراملىق ئېلىپ كېلىشىنى تىلەيمەن» دېدى.