ھاماس كېلىشىمنىڭ شەرتلىرىنى ئېلان قىلدى

ھاماس سىياسىي بىيۇرو ئەزاسى ھەنىييە غەززەدە ئۇرۇشنىڭ ئاخىرلىشىشى، ئىسىرائىلىيە ئەسكەرلىرىنىڭ چېكىنىشى ۋە يۇرت-ماكانلىرىدىن ئايرىلىشقا مەجبۇر بولغان پەلەستىنلىكلەرنىڭ قايتىشى كاپالەتكە ئىگە بولماستىن،ئىسىرائىلىيە بىلەن كېلىشىم تۈزۈلمەيدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

2113864
ھاماس كېلىشىمنىڭ شەرتلىرىنى ئېلان قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ھاماس سىياسىي بىيۇروسى ئەزاسى ئىسمائىل ھەنىييە تېلېۋىزىيە قانىلى ئارقىلىق ئېلان قىلىنغان نۇتۇقىدا، ئىسىرائىلىيە بىلەن ئۆتكۈزۈلۈۋاتقان مۇزاكىرەلەر توغرىسىدا مەلۇمات بەردى.

ئۇ ھاماسنىڭ مۇزاكىرەلەردە ئىجابىي ۋە مەسئۇلىيەتچان پوزىتسىيەدە بولغانلىقىنى ئەسكەرتىپ، مۇنداق دېدى:

«غەززەدە ئۇرۇشنى ئاخىرلاشتۇرمىغان، يۇرت-ماكانلىرىدىن ئايرىلغانلارنى ئۆيلىرىگە قايتۇرۇپ كەلمىگەن ۋە دۈشمەننى غەززەنىڭ سىرتىغا چېكىنىشىنى كاپالەتكە ئىگە قىلمىغان كېلىشىمنى تۈزۈشنى خالىمايمىز. بۇ پىرىنسىپلارنىڭ ئەمەلگە ئېشىشى ۋە كېلىشىمنىڭ تۈزۈلۈشى ئۈچۈن ئىسىرائىلىيەنى بۇنىڭغا بويسۇنۇشقا مەجبۇرلايدىغان خەلقئارالىق كاپالەتلەرنىڭ بولۇشى شەرت.»

ئۇ ئىسىرائىلىيەنىڭ كېلىشىم پىرىنسىپلىرىغا ئەمەل قىلىش مەسىلىسىدە ھېچقانداق كاپالەت بېرىشنى خالىمىغانلىقى ئۈچۈن ھازىرغىچە كېلىشىم ھاسىل قىلىنمىغانلىقىنى تەكىتلىدى.

ئۇ ئىسىرائىلىيەنىڭ يۇرت-ماكانلىرىدىن ئايرىلغانلارنىڭ تەدرىجىي ھالدا ئۆيلىرىگە قايتىشىنى ئوتتۇرىغا قويغانلىقىنى، ئەمما بۇنىڭغا مۇناسىۋەتلىك ئېنىق مەلۇمات بەرمىگەنلىكىنى ۋە غەززەنى داۋاملىق ئىككىگە بۆلۈۋاتقانلىقىنى قەيت قىلدى.

ئۇ ئىسىرائىلىيەنىڭ پەلەستىن خەلقىگە قارشى پىسخىكىلىق ئۇرۇش يۈرگۈزۈۋاتقانلىقىنى، قالايمىقانچىلىق پەيدا قىلىپ، خەلقنى پارچىلاشقا ئۇرۇنۇۋاتقانلىقىنى، ئەمما بۇنىڭدا مۇۋەپپەقىيەت قازىنالمايدىغانلىقىنى، سادىر قىلغان بارلىق قىرغىنچىلىق ۋە ئىرقىي قىرغىنچىلىقلارغا قارىماي، پەلەستىن خەلقىنى چېگرادىن قوغلاپ چىقىرالمىغانلىقىنى تەكىتلىدى.

ئۇ سۆزىنىڭ ئاخىرىدا قۇددۇس، ئىيوردان دەرياسىنىڭ غەربىي قىرغىقى ۋە چەت ئەللەردىكى پەلەستىنلىكلەرنى ئەقسا مەسچىتى ۋە مۇقەددەس جايلارنى نىشان قىلغان سۈيىقەستلەرگە قارشى كۈرەش ئۈچۈن باشلانغان «ئەقسا توپانى» نى قوللاشقا چاقىردى.

ئۇ لىۋان، يەمەن ۋە ئىراق سېپىدىكى قارشىلىق كۆرسىتىشكە، ئەرەب ۋە ئىسلام دۇنياسىدا غەززەنى قوللاش ئۈچۈن كوچا-مەيدانلارنى تولدۇرۇپ نامايىش قىلغان خەلقلەرگە رەھمەت ئېيتتى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر