بايدىن رامىزاننى تەبرىكلەپ بايانات ئېلان قىلدى

ئامېرىكا پىرېزىدېنتى جو بايدىن غەززەدە ئەسىرلەرنى قويۇپ بېرىش كېلىشىمىنىڭ بىر پارچىسى سۈپىتىدە، ئەڭ ئاز دېگەندە ئالتە ھەپتىلىك ئۇرۇش توختىتىشنىڭ ئەمەلگە ئېشىشى ئۈچۈن توختىماي تىرىشچانلىق كۆرسىتىدىغانلىقلىرىنى بىلدۈردى.

2113577
بايدىن رامىزاننى تەبرىكلەپ بايانات ئېلان قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىسىرائىلىيەنى كۈچلۈك قوللىغانلىقى سەۋەبىدىن، ئامېرىكالىق ئەرەبلەر ۋە مۇسۇلمانلار تەرىپىدىن قاتتىق ئەيىبلىنىۋاتقان پىرېزىدېنت بايدىن، رامىزان ئېيى مۇناسىۋىتى بىلەن يازما بايانات ئېلان قىلدى.

ئۇ مۇسۇلمانلارنىڭ مۇقەددەس ئېيىنى تەبرىكلەيدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، «غەززەدە يۈز بېرىۋاتقان غەززەدىكى ئازابلىق پاجىئەلەردىن خەۋەردار» ئىكەنلىكىنى تىلغا ئالدى.

ئۇ: «غەززەدىكى ئۇرۇش پەلەستىن خەلقىگە قورقۇنچلىق ئازاب-ئوقۇبەتلەرنى ئېلىپ كەلدى. مىڭلارچە كىچك بالىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان 30 مىڭدىن ئارتۇق پەلەستىنلىك جېنىدىن ئايرىلدى» دېدى.

ئۇ 2 مىڭدىن ئارتۇق پەلەستىلىكنىڭ يۇرت-ماكانلىرىدىن ئايرىلىشقا مەجبۇر بولغانلىقىنى ئەسكەرتىپ، بۇ كىشىلەرنىڭ يېمەك-ئىچمەك، پاكىزە سۇ، دورا ۋە بىخەتەر تۇرالغۇغا جىددىي ئېھتىياجلىق ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.

ئۇ ئامېرىكانىڭ غەززە قىرغىقىغا ۋاقىتلىق پورت قۇرغانلىقىنى خاتىرىلىتىپ، غەززەگە ھاۋا، قۇرۇقلۇق ۋە دېڭىز يولى ئارقىلىق ھەر تۈرلۈك ياردەملەرنى يەتكۈزۈشكە تىرىشىدىغانلىقلىرىنى قەيت قىلدى.

ئۇ باياناتىدا، ئىككى دۆلەت ھەل قىلىش چارەسىنىڭ، ئىسىرائىلىيە-پەلەستىن مەسىلىسى ئۈچۈن ئۇزۇن مۇددەتلىك بىردىنبىر سىياسىي ھەل قىلىش يولى ئىكەنلىكىنى تەكىتلەپ: «ئامېرىكا ئەسىرلەرنى قويۇپ بېرش كېلىشىمىنىڭ بىر پارچىسى سۈپىتىدە، ئەڭ ئاز دېگەندە ئالتە ھەپتىلىك ئۇرۇش توختىتىشنىڭ ئەمەلگە ئېشىشى ئۈچۈن توختىماي تىرىشچانلىق كۆرسىتىدۇ» دېدى.

ئۇ باياناتىدا ئىسلام ئۆچمەنلىكى ئۈستىدىمۇ توختىلىپ، تۇنجى قېتىم ئۆزىنىڭ پىرېزىدېنتلىق مەزگىلىدە ئىسلام ئۆچمەنلىكىگە قارشى كۈرەش ئىستراتېگىيەسىنىڭ تەييارلانغانلىقىنى بىلدۈردى ۋە مۇنداق دېدى:

«ئامېرىكادا ئىسلام ئۆچمەنلىكىگە ھېچقانداق ئورۇن يوق، بۇ دۆلەت ئېتىقاد ئەركىنلىكى ئۈستىگە قۇرۇلغان ۋە مۇسۇلمان كۆچمەنلەرنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالغان ھالدا بارلىق كۆچمەنلەرنىڭ تۆھپىلىرى ئۈستىگە بىنا قىلىنغان.»

ئامېرىكالىق ئەرەب ۋە مۇسۇلمانلار 5-نويابىر (2024) ئۆتكۈزۈلىدىغان پىرېزىدېنتلىق سايلىمىدىن ئىلگىرى بايدىنغا بولغان نارازىلىقلىرىنى پارتىيە ئىچىدە ئۆتكۈزۈلگەن پىرېزىدېنت نامزات كاندىداتلىقى سايلىمىدا « ئاق بېلەت» (قارارسىز ئاۋاز) شەكلىدە ئوتتۇرىغا قويغان ئىدى.

بايدىن ئېلان قىلغان باياناتلىرىدە غەززەدە ئۇرۇش توختىتىش ئۈچۈن زور تىرىشچانلىق كۆرسىتىۋاتقانلىقلىرىنى ئىلگىرى سۈرۈۋاتقان بولسىمۇ، ئەمما ئىسىرائىلىيەگە ئەۋەتىلىۋاتقان قورال-ياراغ ياردەملىرى مەسىلىسىدە ھازىرغىچە ھېچقانداق ئەمەلىي ھەرىكەت قىلمىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر