ئەرمېنىيە كزارتنوتس ئايرودۇرۇمىدىكى رۇسىيە قىسمىلىرىنى چىقىرىۋېتىشنى قارار قىلدى

ئەرمېنىيە ھۆكۈمىتى پايتەخت ئەرىۋاندىكى زۋارتنوتس خەلقئارا ئايرودۇرۇمىدا تۇرۇۋاتقان رۇسىيە چېگرا مۇداپىئە قوغدىغۇچىلىرىنىڭ ۋەزىپىسىنى ئاخىرلاشتۇرۇشنى قارار قىلدى.

2112147
ئەرمېنىيە كزارتنوتس ئايرودۇرۇمىدىكى رۇسىيە قىسمىلىرىنى چىقىرىۋېتىشنى قارار قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئەرمېنىيەنىڭ رەسمىي خەۋەر ئاگېنتلىقى «ئەرمەنىپرېس» نىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، دۆلەت بىخەتەرلىك كېڭىشى كاتىپى ئارمېن گىرىگوريان دۆلەت مەجلىسىدە ئۆتكۈزۈلگەن يىغىندىن كېيىن بايانات ئېلان قىلغان.

گىرىگورىيان ئەرمېنىيە ھۆكۈمىتىنىڭ ئايرودۇرۇمدىكى بارلىق ئىشلارنى پۈتۈنلەي ئەرمېنىيەلىكلەرنىڭ قىلىشىنى قارار  قىلغانلىقىنى بىلدۈرۈپ: «ئەرمېنىيەنىڭ بۇ مەسىلىدىكى مەيدانى ئېنىق بولۇپ، بۇ ئېنىق مەيداننى رۇسىيە فېدېراتسىيەسىگە رەسمىي مەكتۇپ ئارقىلىق ئۇقتۇردى. ئەرمېنىيەنىڭ پوزىتسىيەسى زۋارتنوتس خەلقئارا ئايرودۇرۇمىدىكى خىزمەتلەرنىڭ ئەرمېنىيە چېگرا مۇداپىئە قىسىملىرى تەرىپىدىن قىلىنىشى كېرەكلىكىدۇر» دېدى.

ئەرمېنىيە دۆلەت مەجلىسى باشلىقى ئالېن سىمونيان 27-فېۋرال رۇسىيە چېگرا قوغدىغۇچىلىرىنىڭ زۋارتنوتس خەلقئارا ئايرودۇرۇمىدىن چىقىرىۋېتىلىشىنى توغرا دەپ قارايدىغانلىقىنى ئېلان قىلغانىدى.

رۇسىيە پىرېزىدېنتلىق مەھكىمىسى — كىرېمىل باياناتچىسى دىمىترىي پېسكوۋ، ئەرمېنىيە ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ قارارى توغرىسىدا موسكۋاغا ھازىرغىچە ھېچقانداق ئۇچۇر يېتىپ كەلمىگەنلىكىنى بىلدۈرگەنىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر