ئامېرىكا بالىلار ئۆلۈملىرى توغرىسىدا ئىسرائىلىيەنى «ئېنىق» ئاگاھلاندۇردى

ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى غەززەدىكى بالىلار ئۆلۈملىرىنى «قوبۇل قىلغىلى بولمايدىغانلىقى»نى ئىسرائىلىيەگە «ئېنىق قىلىپ» يەتكۈزگەنلىكىنى بىلدۈردى.

2111710
ئامېرىكا بالىلار ئۆلۈملىرى توغرىسىدا ئىسرائىلىيەنى «ئېنىق» ئاگاھلاندۇردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى باياناتچىسى ماتېۋ مىللېر كۈندىلىك مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا، مۇخبىرلارنىڭ سوئاللىرىغا جاۋاب بەردى.

ئۇ غەززەدىكى شارائىتنىڭ «قورقۇنچلۇق» ئىكەنلىكىنى بايان قىلىپ: «ئىشىنىمەنكى، قوللىرىدىكى چەكلىك يېمەكلىكلەرنى بالىلىرىغا بېرىش ئۈچۈن، ئۆزلىرى غىزالىنىشتىن ۋاز كەچكەن نۇرغۇن ئاتا-ئانىلار بار. بۇ سەۋەبتىن، بالىلار ئۆلۈمىنى قوبۇل قىلىشقا بولمايدۇ. بىز بۇنى ئىسرائىلىيە ھۆكۈمىتىگە ئېنىق بىلدۈردۇق» دېدى.

مىللېر ۋاشىنگتوننىڭ ھاماسنى رايوندىكى توقۇنۇشلارنىڭ باشلىنىشى ۋە ئۇ كەلتۈرۈپ چىقارغان ئىنسانىي ۋەزىيەتنىڭ جاۋابكارى دەپ قارايدىغانلىقىنى ئەسكەرتىپ: «ئەمما، ئىسرائىلىيە مەسىلىنى ھەل قىلىش ۋە (غەززەگە) تېخىمۇ كۆپ يېمەكلىكنىڭ كىرىشىگە كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن، تېخىمۇ كۆپ ئىشلارنى قىلىشى كېرەك. پەلەستىن خەلقىنىڭ ھەقىقىي، ئېغىر ۋە ئىنسانىي ئېھتىياجلىرى بار» دېدى.

مىللېرنىڭ باياناتى پەلەستىن سەھىيە مىنىستىرلىقى باياناتچىسى ئەشرەف ئەلقۇدرەنىڭ <ئىسرائىلىيە توسالغۇلىرى سەۋەبىدىن ئىنسانپەرۋەرلىك ياردەملىرىدىن مەھرۇم قالغان غەززە ۋە غەززەنىڭ شىمالىدا پەقەت 3-مارت بىر كۈن ئىچىدىلا 15 بالىنىڭ ئاچلىقتىن قازا قىلغانلىقىنى ئېلان قىلىشى ۋە بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ ۋەقەنى دەلىللىشىدىن كېيىنكى ۋاقىتقا توغرا كەلدى.

ئىسرائىلىيەنىڭ 7-ئۆكتەبىردىن بۇيان داۋام قىلىۋاتقان غەززە ھۇجۇملىرىدا كەم دېگەندە 13430ى بالا، 8900ى ئايال بولۇپ، جەمئىي 30631 پەلەستىنلىك قازا قىلدى، 72043 پەلەستىنلىك يارىلاندى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر