رۇسىيە ئامېرىكانى شىمالىي ياۋروپاغا يادرو قورالى ئورۇنلاشتۇرۇش مەسىلىسى توغرىسىدا ئاگاھلاندۇردى

رۇسىيە ئامېرىكا يادرو قوراللىرى شىمالىي ياۋروپاغا ئورۇنلاشتۇرۇلغان تەقدىردە، ئۇنىڭ رۇسىيە-شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى — ناتو ئوتتۇرىسىدىكى يۈز بەرگۈسى توقۇنۇشتا زەربە ئوبيېكتى بولىدىغانلىقىنى جاكارلىدى.

2112016
رۇسىيە ئامېرىكانى شىمالىي ياۋروپاغا يادرو قورالى ئورۇنلاشتۇرۇش مەسىلىسى توغرىسىدا ئاگاھلاندۇردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: رۇسىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى باياناتچىسى مارىيا زاخاروۋا سوچىدا ئۆتكۈزۈلگەن دۇنيا ياشلار بايرىمى دائىرىسىدىكى ھەپتىلىك مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا، فىنلاندىيە پىرېزىدېنتى ئالېكساندر ستۇببنىڭ «دۆلىتىنىڭ يادرو قۇدرىتىگە ئىگە بولۇشىنىڭ ناھايىتى مۇھىم» ئىكەنلىكى توغرىسىدىكى سۆزىگە باھا بەردى.

ئامېرىكا يادرو قوراللىرى شىمالىي ياۋروپاغا ئورۇنلاشتۇرۇلغان تەقدىردە، بۇ قوراللارنىڭ ئۇنى تاپشۇرۇۋالغان دۆلەتلەرنىڭ بىخەتەرلىكىنى كۈچەيتمەيدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويغان مارىيا زاخاروۋا: «ئەگەر ئامېرىكا يادرو قوراللىرى شىمالىي ياۋروپادا پەيدا بولسا، ئۇ قوراللار ئورۇنلاشتۇرۇلغان دۆلەتلەرنىڭ بىخەتەرلىكى ئاجىزلاپلا قالمايدۇ، بەلكى، ئېنىقلا زىيانغا ئۇچرايدۇ» دېدى.

ئۇ بۇ قوراللار ئېلىپ كېلىدىغان ئاقىۋەتنىڭ ناھايىتى ئېنىق ۋە چۈشىنىشلىك ئىكەنلىكىنى تىلغا ئېلىپ: «بۇ خىل نەرسىلەر بىۋاسىتە تەھدىت شەكىللەندۈرىدۇ ۋە ناھايىتى تەبىئىي ھالدا، ئۇنىڭ دۆلىتىمىز بىلەن ناتو ئوتتۇرىسىدىكى بىۋاسىتە ھەربىي توقۇنۇش سېنارىيەسىدە ئوتتۇرىغا قويۇلغان قانۇنلۇق زەربە بېرىش ئوبيېكىتلىرى تىزىملىكىگە كىرىشىمۇ مۇقەررەر. ئامېرىكا ۋە ئۇنىڭ سۈنئىي ھەمراھلىرى (ئەتراپىدىكى دۆلەتلەر) كۈچلۈك ئارزۇ قىلىدىغان نەرسىنىڭمۇ دەل مۇشۇ ئىكەنلىكىنى چۈشىنىمىز» دېگەنلەرنى قەيت قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر