خىتاي مۇداپىئە چىقىمىنى ئاشۇرىدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى

خىتاي 2024-يىلى دۆلەت مۇداپىئە چىقىمىنى بۇلتۇرقىغا قارىغاندا %7.2 ئاشۇرۇپ، 1 تىرىليون 660 مىليارد يۈەن (تەخمىنەن 230 مىليارد دوللار)گە چىقىرىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

2111795
خىتاي مۇداپىئە چىقىمىنى ئاشۇرىدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: خىتاي مالىيە مىنىستىرلىقىنىڭ خىتاي خەلق قۇرۇلتىيىغا سۇنغان خامچوت لايىھەسىدە، مۇداپىئە چىقىمىنىڭ بۇ يىل %7.2 ئاشۇرۇلۇپ، 1 تىرىليون 660 مىليارد يۈەن (تەخمىنەن 230 مىليارد دوللار)غا چىقىرىدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويۇلدى.

مۇداپىئە خامچوتىدىكى ئېشىش ھۆكۈمەتنىڭ تەخمىنەن «%5»لىك ئىقتىسادىي ئېشىش نىشانىدىن ئېشىپ كەتتى.

خىتاينىڭ مۇداپىئە چىقىمى خىتاي دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ ۋەزىپە ئۆتەشكە باشلىغان 2013-يىلىدىن بۇيان يىللىق ئىقتىسادىي ئېشىش سۈرئىتىدىن ئېشىپ ماڭدى. خىتاينىڭ مۇداپىئە چىقىمى ئۆتكەن 10 يىل ئىچىدە ئىككى ھەسسىدىن كۆپرەك ئاشتى.

خىتاي ئامېرىكادىن قالسىلا مۇداپىئە ئىشلىرىغا ئەڭ كۆپ چىقىم قىلىۋاتقان دۆلەت ھېسابلىنىدۇ.

دۇنيادىكى ئىككى چوڭ ئىقتىسادىي گەۋدىگە ئىگە بۇ ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى كۈنسېرى كۈچىيىۋاتقان ئىقتىسادىي ۋە سىياسىي جۇغراپىيەلىك رىقابەت، بېيجىڭ ھۆكۈمىتىنى ھەربىي ساھەدىكى كۈچىنى ئاشۇرۇشقا ئىتتىرمەكتە.

مۇداپىئە مۇتەخەسسىسلىرى، مۇداپىئە چىقىمىدىكى ئېشىشىنڭ بېيجىڭنىڭ قىسقا ۋاقىت ئىچىدە ئۇرۇش ياكى توقۇنۇشقا كىرىش نىيىتىنى ئەمەس، بەلكى ھەربىي ساھەسىنى زامانىۋىلاشتۇرۇشنى داۋاملاشتۇرۇپ، تەيۋەن مەسىلىسى ۋە جەنۇبىي دېڭىزدىكى جىددىيچىلىككە قارشى تۇرۇش ئىقتىدارىنى كۈچەيتىش نىيىتىنى كۆرسىتىپ بېرىدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرمەكتە.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر