ھىزبۇللاھ ئىسرائىلىيەگە باشقۇرۇلىدىغان بومبىلار بىلەن بىر كۈندىلا 11 قېتىم ھۇجۇم قىلدى

ھىزبۇللاھ ھەرىكىتى لىۋاننىڭ جەنۇبىدىن ئىسرائىلىيەنىڭ چېگرا رايونىدىكى ھەربىي بازا ۋە ئولتۇراق رايونلىرىغا باشقۇرۇلىدىغان بومبا ھەمدە باشقا ئوخشىمىغان قوراللار بىلەن 11 قېتىم ھۇجۇم قىلغانلىقىنى ئېلان قىلدى.

2111597
ھىزبۇللاھ ئىسرائىلىيەگە باشقۇرۇلىدىغان بومبىلار بىلەن بىر كۈندىلا 11 قېتىم ھۇجۇم قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ھىزبۇللاھ يېقىنقى 24 سائەت ئىچىدە لىۋان زېمىنىدىن ئىسرائىلىيەگە قىلىنغان ھۇجۇملار ھەققىدە بايانات ئېلان قىلدى.

باياناتتا، ئىسرائىلىيەنىڭ لىۋاننىڭ جەنۇبىدىكى ھۇلا يېزىسىغا قىلغان ۋە ئۈچ پۇقرا جېنىدىن ئايرىلغان ھۇجۇمىغا جاۋابەن ئىسرائىلىيەنىڭ كىريات شمونا بىلەن كفار بىلۇم ئولتۇراق رايونىغا ئونلارچە كاتۇشا ئاتقانلىقى، باغدادى ۋە بىركەت رىشە بازىسى شۇنداقلا 769-شەرق برىگادىسىنىڭ كىرات شمونا گازارمىسىدىكى قوماندانلىق مەركىزى، ھەمدە كەفىر شۇبا چوقۇلىرىدىكى رۇۋەيسات ئەلئالەم بازىسىنىڭمۇ باشقۇرۇلىدىغان بومبىلار، باشقا مۇناسىپ قوراللار بىلەن بومباردىمان قىلىنغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

باياناتتا، ئىسرائىلىيەنىڭ چېگرادىكى ھەربىي بازىلىرىغا ئورۇنلاشتۇرۇلغان ئىككى دانە مېركاۋا تىپلىق تانكىسىنىڭمۇ پاچاقلاپ تاشلانغانلىقى ئۇقتۇرۇلدى.

ئىسرائىلىيە ئارمىيەسى رادىيوسىنىڭ بىلدۈرىشىچە، لىۋاندىن كىريات شمونا تەرەپكە 30 باشقۇرۇلىدىغان بومبا قويۇپ بېرىلگەن، 10 باشقۇرۇلىدىغان بومبا ھاۋا مۇداپىئە سىستېمىسى تەرىپىدىن ئېتىپ چۈشۈرۈلگەن.

ئىسرائىلىيە قىسىملىرى بىلەن ھىزبۇللاھ ھەرىكىتىنىڭ 8 - ئۆكتەبىردىن بۇيانقى توقۇنۇشلىرىدا 232 ھىزبۇللاھ ئەزاسى، 48 لىۋان پۇقراسى، 11 ئامال ھەرىكىتى ئەزاسى، 12 ھاماس ئەزاسى، 12 ئىسلامىي جىھاد ھەرىكىتى ئەزاسى ۋە ئالتە ئىسرائىلىيە پۇقراسى ۋە 11 ئىسرائىلىيە ئەسكىرى جېنىدىن ئايرىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر