ئۇكرائىنا رۇسىيەنىڭ چارلاش پاراخوتىغا ھۇجۇم قىلغانلىقىنى ئېلان قىلدى

ئۇكرائىنا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى ئىستىخبارات باش ئىدارىسى رۇسىيە ئارمىيەسى قارا دېڭىز فلوتىغا قاراشلىق چارلاش پاراخوتى «سېرگېي كوتوف»غا زەربە بەرگەنلىكىنى ئېلان قىلدى.

2111245
ئۇكرائىنا رۇسىيەنىڭ چارلاش پاراخوتىغا ھۇجۇم قىلغانلىقىنى ئېلان قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئۇكرائىنا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى ئىستىخبارات باش ئىدارىسى يازما بايانات ئېلان قىلىپ، بۈگۈن كەچتە «13-گۇرۇپپا» ئالاھىدە ئەترىتىنىڭ رۇسىيە ئارمىيەسى قارا دېڭىز فىلوتىنىڭ «سېرگېي كوتوف» چارلاش پاراخوتىغا ھۇجۇم قىلغانلىقىنى بىلدۈردى.

ھۇجۇمنىڭ ئۇكرائىنا دېڭىز ئارمىيەسى بىلەن ئۇكرائىنا رەقەملىك ئۆزگەرتىش مىنىستىرلىقىنىڭ ھەمكارلىشىپ ئېلىپ بېرىلغانلىقىغا ئىشارەت قىلىنغان باياناتتا، ماگۇرا V5 ناملىق كاپىتانسىز دېڭىز ئاپپاراتىدىن پايدىلىنىپ قىلىنغان ھۇجۇم نەتىجىسىدە رۇس پاراخوتىنىڭ ئالدى، ئوڭ ۋە سول تەرەپلىرىنىڭ زىيانغا ئۇچرىغانلىقى قەيت قىلىندى.

باياناتتا، پاراخوتقا كرېچ بوغۇزىغا يېقىن ئۇكرائىنا دېڭىز تەۋەلىكىدە ھۇجۇم قىلىنغانلىقى ئەسكەرتىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر