ئافغانىستاندا قاتتىق سوغۇق سەۋەبىدىن 4 كىشى توڭلاپ قازا قىلدى

ئافغانىستان قاتتىق سوغۇقنىڭ ئېغىر تەسىرىگە ئۇچرىدى ۋە 4 كىشى توڭلاپ قازا قىلدى.

2111132
ئافغانىستاندا قاتتىق سوغۇق سەۋەبىدىن 4 كىشى توڭلاپ قازا قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئافغانىستان تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، سار-ئىپول ئۆلكىسىنىڭ باياناتچىسى ھەبىبۇللاھ ماسرۇر ئەلبەدىر رايونىدا قاتتىق سوغۇق سەۋەبىدىن 2 ئايال ۋە 2 كىچىك بالىنىڭ توڭلاپ قازا قىلغانلىقىنى بايان قىلغان.

ئافغانىستاندا ئۆتكەن يىلى (2023) مۇ جۇدۇنلۇق قىش پەسلى سەۋەبىدىن 200 گە يېقىن كىشى توڭلاپ قازا قىلغان ئىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر