شىمالىي كورېيە ئامېرىكا بىلەن جەنۇبىي كورېيەگە تەھدىت سالدى

شىمالىي كورېيە ئامېرىكا بىلەن جەنۇبىي كورېيەنىڭ بىرلەشمە ھەربىي مانېۋىرلىرىغا قارشى ھەربىي پائالىيەتلەر بىلەن شۇغۇللىنىدىغانلىقىنى جاكارلىدى.

2111371
شىمالىي كورېيە ئامېرىكا بىلەن جەنۇبىي كورېيەگە تەھدىت سالدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: شىمالىي كورېيە مەركىزى خەۋەر ئاگېنتلىقى — KCNA نىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، شىمالىي كورېيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى جەنۇبىي كورېيە بىلەن ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ 11 كۈن داۋاملىشىدىغان ھەمدە بۇلتۇرقىسىغا سېلىشتۇرغاندا ئىككى ھەسسە كۆپ قۇرۇقلۇق مەشىقىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىغان بىرلەشمە مانېۋىرى توغرىسىدا بايانات ئېلان قىلغان.

ئامېرىكا بىلەن جەنۇبىي كورېيەنىڭ ھەربىي مانېۋىرلىرىغا «بىر دۆلەتنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقىغا دەخلى-تەرۇز قىلىشنى مەقسەت قىلغان ئېنىق تەھدىت» دەپ باھا بېرىلگەن باياناتتا، ئامېرىكا بىلەن جەنۇبىي كورېيەنىڭ «خاتا تاللىشىنىڭ ئېغىر بەدىلىنى تۆلەيدىغانلىقى» ئىلگىرى سۈرۈلۈپ: «شىمالىي كورېيەنىڭ دۈشمەنلىرىنىڭ تەۋەككۈلچىلىك ھەرىكەتلىرىنى داۋاملىق كۆزىتىپ، كورېيە يېرىم ئارىلىنىڭ تۇراقسىز بىخەتەرلىك مۇھىتىنى كونترول قىلىش يولىدا قەدەملەرنى تاشلايدىغانلىقى» قەيت قىلىنغان.

جەنۇبىي كورېيە بىلەن ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى تۈنۈگۈن «ئورتاق مۇداپىئە ھالىتىنى كۈچەيتىش» مەقسىتىدە «ئەركىنلىك قالقىنى» ناملىق بىرلەشمە ھەربىي مانېۋىر باشلىغانىدى.

مانېۋىرنىڭ ئىككى دۆلەتنىڭ ئورتاق مۇداپىئە ھالىتىنى  كۈچەيتىشنى مەقسەت قىلىدىغانلىقى؛ قۇرۇقلۇق، دېڭىز، ھاۋا ۋە تور قوراللىرى ئىشلىتىلىدىغان مانېۋىرنىڭ نۇقتىلىق ھالدا دىققىتىنى كۆپ يۆنىلىشلىك  ھۇجۇملار ۋە يادرو ھۇجۇملرىىغا تاقابىل تۇرۇشقا مەركەزلەشتۈرىدىغانلىقى قەيت قىلىنغانىدى.

جەنۇبىي كورېيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى چو تەي يۇل 29-فېۋرال ئامېرىكادىكى زىيارىتى دائىرىسىدە مەنسەپدىشى ئانتونىي بلىنكېن بىلەن كۆرۈشكەن ۋە مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا سۆز قىلىپ: «يادرو ۋە باشقۇرۇلىدىغان بومبا تەھدىتى كۈنسېرى كۈچىيىۋاتقان بۇ دەۋردە، شىمالىي كورېيەنىڭ قۇتراتقۇلۇقلىرىغا قارشى تۇرۇش، قانۇنسىز كىرىملىرىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىدە ھەمكارلىق ئورنىتىش توغرىسىدا بىردەكلىك ھاسىل قىلدۇق» دېگەنىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر