ئىسىرائىلىيە ئىنسانپەرۋەرلىك ياردىمى ساقلاۋاتقان پەلەستىنلىكلەرگە يەنە ھۇجۇم قىلدى

ئىسىرائىلىيە ئارمىيەسىنىڭ غەززەنىڭ شىمالىدا ئىنسانپەرۋەرلىك ياردەملىرىنى ساقلاۋاتقان پەلەستىنلىكلەرگە قىلغان يېڭى ھۇجۇمىدا، نۇرغۇن كىشىنىڭ جېنىدىن ئايرىلغانلىقى ۋە يارىلانغانلىقى قەيت قىلىندى.

2110477
ئىسىرائىلىيە ئىنسانپەرۋەرلىك ياردىمى ساقلاۋاتقان پەلەستىنلىكلەرگە يەنە ھۇجۇم قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: غەززەدىكى سەھىيە مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى ئەشرەف ئەلقۇدرا يازما بايانات ئېلان قىلىپ، ئىسىرائىلىيە ئارمىيەسىنىڭ غەززەنىڭ شىمالىدا يۈز مىڭلارچە ئاچارچىلىقتا قالغان كىشىلەرگە سىستېمىلىق ئىرقىي قىرغىنچىلىق يۈرگۈزۈۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.

ئۇ ئىسىرائىلىيە ئارمىيەسىنىڭ غەززەنىڭ جەنۇبىدىكى ئەل كۇۋەيتى يول ئېغىزىدا، «قورقۇنچ قەتلىئام» يۈرگۈزگەنلىكىنى، نۇرغۇن كىشىنىڭ جېنىدىن ئايرىلغانلىقىنى ۋە يارىلانغانلىقىنى ئەسكەرتتى.

ئىسىرائىلىيە ئارمىيەسى تۈنۈگۈن (3-مارت) غەززەنىڭ ئوتتۇرا قىسمىغا جايلاشقان دېيربەلاختا ئىنسانپەرۋەرلىك ياردەملىرى قاچىلانغان يۈك ئاپتوموبىللىرىنى ھۇجۇم نىشانى قىلىشى نەتىجىسىدە، توققۇز كىشى جېنىدىن ئايرىلىپ، ئونلارچە كىشى يارىلانغان ئىدى.

ئىسىرائىلىيە ئارمىيەسى 29-فېۋرالدىمۇ غەززەنىڭ جەنۇبىدا ئىنسانپەرۋەرلىك ياردەملىرىنى ساقلاۋاتقان پەلەستىنلىكلەرنى بومباردىمان قىلىپ، 118 كىشىنىڭ جېنىدىن ئايرىلىشىغا، 760 كىشىنىڭ يارىلىنىشىغا سەۋەب بولغان ئىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر