مىڭلارچە ئىسرائىلىيە ئەسكىرى پىسخىكىلىق مەسلىھەت سورىدى

ئىسرائىلىيە غەززەگە كەڭ كۆلەملىك ھۇجۇم قىلىشنى باشلىغان 2023-يىلى 7-ئۆكتەبىردىن بۇيان 30 مىڭ ئىسرائىلىيە ئەسكىرى مۇناسىۋەتلىك چاقىرىش مەركەزلىرى بىلەن ئالاقىلىشىپ، پىسخىكا جەھەتتىن مەسلىھەت سورىدى.

2109045
مىڭلارچە ئىسرائىلىيە ئەسكىرى پىسخىكىلىق مەسلىھەت سورىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىسرائىلىيە ئارمىيەسىنىڭ بۇ ھەقتىكى باياناتىدا، مەزكۇر ئەسكەرلەرنىڭ %85 ىنىڭ پىسخىكىلىق داۋالاشلاردىن كېيىن، قايتىدىن ئۇرۇشقا قاتناشقانلىقى قەيت قىلىندى.

پىسخىكىلىق مەسىلىگە دۇچار بولغان 200 دىن ئارتۇق ئەسكەرنىڭ ئارمىيەدىن ئايرىلىشىغا رۇخسەت قىلىنغانلىقىغا ئىشارەت قىلىنغان باياناتتا، ئەسكەرلەر ئۈچۈن دائىمىي ئائىلە مەركىزى، جەڭگە تاقابىل تۇرۇش بۆلۈمى ۋە يارىلانغانلارنى داۋالاش مەركىزى قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىغان يېڭى بىر پىسخىكىلىق داۋالاش مەركىزىنىڭ ئېچىلىدىغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

باياناتتا، غەززەگە ھۇجۇم قىلىش باشلانغاندىن بۇيان، ئىسرائىلىيەدىكى دوختۇرلار جەمئىيىتىگە قاراشلىق روھىي ساغلاملىق مۇلازىمىتى مەركىزىنىڭ بۇ جەھەتتىكى ئېھتىياجنى تولۇق قاندۇرۇش ئۈچۈن، ھەرقايسى ساھەلەردىكى كەسپىي خادىملاردىن تەركىب تاپقان بىر تور شەكىللەندۈرگەنلىكى ئەسكەرتىلدى.

باياناتقا قارىغاندا، قۇرۇقلۇق ئارمىيە داۋالاش ئەترىتى چاقىرىش مەركىزى ئەسكەرلەرگە دەسلەپكى تېببىي ياردەملەرنى بېرىش ئۈچۈن، ھەر كۈنى 24 سائەت، ھەپتىدە 7 كۈن مەشغۇلات قىلماقتا ئىكەن.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر