گېبرېيۇس: غەززەدىكى قورقۇنچلۇق زوراۋانلىق ۋە ئازاب ئاخىرلىشىشى كېرەك

دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى باش دېرىكتورى تېدروس ئادانوم گېبرېيۇس غەززەدىكى قورقۇنچلۇق زوراۋانلىق ۋە ئازابنىڭ ئاخىرلىشىشى كېرەكلىكىنى تەكىتلىدى.

2109174
گېبرېيۇس: غەززەدىكى قورقۇنچلۇق زوراۋانلىق ۋە ئازاب ئاخىرلىشىشى كېرەك

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى باش دېرىكتورى تېدروس ئادانوم گېبرېيۇس ئىسرائىلىيەنىڭ غەززەگە قاراتقان ھۇجۇملىرىدا ھاياتىدىن ئايرىلغانلار سانىنىڭ 30 مىڭدىن ئېشىپ كەتكەنلىكىنى، ئۇلارنىڭ كۆپىنچىسىنىڭ ئاياللار ۋە بالىلار ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.

ئىجتىمائىي تاراتقۇ سۇپىسى «X» تىكى ئادرېسىدا ئۇچۇر ھەمبەھرىلىگەن دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى باش كاتىپى گېبرېيۇس، غەززەدە يەنە 70 مىڭدىن ئارتۇق پەلەستىنلىكنىڭ يارىلانغانلىقىنى تەكىتلەپ: «بۇ دەھشەتلىك زوراۋانلىق ۋە ئازاب چوقۇم ئاخىرلىشىشى كېرەك. ئۇرۇش توختىتىش لازىم» دېگەنلەرنى قەيت قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر