بايدىننىڭ سالامەتلىكى ۋە يېشى ئىككىنچى نۆۋەت سايلىنىشىغا دەخلى قىلامدۇ؟

ئاقساراي پىرېزىدېنت جو بايدىننىڭ كۈندىلىك سالامەتلىكى توغرىسىدا دوكلات ئېلان قىلىپ، پىرېزىدېنتنىڭ ۋەزىپىسىنى داۋاملاشتۇرۇشقا دەخلى قىلىدىغان ھېچقانداق ئەھۋالنىڭ يوقلۇقىنى بىلدۈردى.

2109087
بايدىننىڭ سالامەتلىكى ۋە يېشى ئىككىنچى نۆۋەت سايلىنىشىغا دەخلى قىلامدۇ؟

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئاقساراي باياناتچىسى كارىن ژان پيېر (Karine Jean-Pierre) پىرېزىدېنت جو بايدىننىڭ دوختۇرى تەستىقلىغان ۋە ئۇنىڭ ئەھۋالىنىڭ ياخشى ئىكەنلىكى توغرىسىدىكى دوكلاتنىڭ مەزمۇنىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بىر يازما بايانات ئېلان قىلدى.

بىلدۈرۈلىشىچە، بايدىننىڭ دوختۇرى كېۋىن ئوكوننور (Kevin O'Connor) نىڭ 81 ياشلىق پىرېزىدېنتنىڭ يىللىق سالامەتلىك تەكشۈرۈشى توغرىسىدىكى دوكلاتىدا، ئۇنىڭ سالامەتلىكىدە «ئەندىشە قىلىدىغان ئەھۋال يوق» دېيىلگەن.

دوختۇر كېۋىن ئوكوننورنىڭ دوكلاتىدا قەيت قىلىنىشىچە، «پىرېزىدېنت ئۆزىنى ناھايىتى ياخشى ھېس قىلىدۇ، بۇ يىلقى سالامەتلىك تەكشۈرۈشىدە كىشىنى ئەنسىرەتكىدەك ھېچقانداق ئەھۋال بايقالمىدى. ئۇ بارلىق مەسئۇلىيىتىنى مۇستەسناسىز ھالدا نورمال ۋە تولۇق ئادا قىلالايدۇ. ئۇ 81 ياش بولسىمۇ ساغلام، ئاكتىپ ۋە كۈچلۈك كىشى. ئىجرائىيە كېڭىشىگە باشچىلىق قىلىش، پىرېزىدېنتلىق ۋە باش قوماندان بولۇش قاتارلىق ۋەزىپىلىرىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك ئورۇنلىيالايدىغان ئەھۋالدا. ئۇيقۇ ئەھۋالىمۇ مۇقىم.»

پىرېزىدېنت جو بايدىننىڭ سالامەتلىكى توغرىسىدىكى مەلۇماتلار، نويابىر (2024) دا ئۆتكۈزۈلىدىغان پىرېزىدېنتلىق سايلىمى ۋەسىلىسى بىلەن ئۇنىڭ يېشى ۋە سالامەتلىك ئەھۋالى مۇنازىرە قىلىنىۋاتقان ۋاقىتقا توغرا كەلدى.

ئا ب س قانىلى (ABC News) نىڭ 9-10-فېۋرال ئېلىپ بارغان ئەلرايى تەكشۈرۈشىگە قاتناشقانلارنىڭ %86 ى، 81 ياشلىق بايدىننىڭ ئىككىنچى نۆۋەت پىرېزىدېنت بولۇشى ئۈچۈن «بەك ياشىنىپ قالدى» دەپ قارىغان.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر