چېچىنىيەدە قۇرئان كەرىم كۆيدۈرگەن كىشىگە قاماق جازاسى بېرىلدى

رۇسىيە ھاكىمىيىتى ئاستىدىكى چېچىنىيە جۇمھۇرىيىتىدە ئۆتكەن يىلى (2023) قۇرئان كەرىم كۆيدۈرگەن نىكىتا ژۇراۋېل 3 يېرىم يىللىق قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىندى.

2108334
چېچىنىيەدە قۇرئان كەرىم كۆيدۈرگەن كىشىگە قاماق جازاسى بېرىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: چېچىنىيە جۇمھۇرىيىتىنىڭ پايتەختى گروزنىيدىكى ۋىسايتتوۋسكىي شەھەرلىك سوت مەھكىمىسى، قۇرئان كەرىم كۆيدۈرگەن 20 ياشلىق ژۇراۋېلنى «مەنىۋى قىممەتلەرگە ھاقارەت قىلىش ۋە جەمئىيەت تەرتىپىگە بۇزغۇنچىلىق قىلىش» بىلەن ئەيىبلەپ، ئۈچ يىل ئالتە ئايلىق قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلدى.

ژۇراۋېلنىڭ ئادۋوكاتى يۇلىيا ئانتونوۋا سوتتىن كېيىن مۇخبىرلارنىڭ سوئالىغا جاۋاب بېرىپ، ھۆكۈمگە نارازىلىق بىلدۈرگەنلىكلىرىنى قەيت قىلدى.

نىكىتا ژۇراۋېل ماي (2023) دا رۇسىيەنىڭ ۋولگوگراد شەھىرىدىكى بىر جامەنىڭ ئالدىدا قۇرئان كەرىم كۆيدۈرگەنلىكى سەۋەبىدىن قولغا ئېلىنىپ، چېچىنىيەگە ئەۋەتىلگەن ئىدى.  



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر