بايدىن: مەن زېئونىست؛ زېئونىست بولۇش ئۈچۈن يەھۇدىي بولۇشنىڭ ھاجىتى يوق

ئامېرىكا پىرېزىدېنتى جو بايدىن زېئونىست بولۇش ئۈچۈن يەھۇدىي بولۇشنىڭ ھاجىتى يوقلۇقىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، «مەن زىئونىستمەن» دېدى.

2108559
بايدىن: مەن زېئونىست؛ زېئونىست بولۇش ئۈچۈن يەھۇدىي بولۇشنىڭ ھاجىتى يوق

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جو بايدىن سېت مېيېرسنىڭNBC  قانىلىدا تارقىتىلىدىغان كېچىلىك پىروگراممىسىغا چىقىپ، كۈنتەرتىپتىكى مەسىلىلەرگە دائىر سوئاللارغا جاۋاب بەردى.

ئۇ غەززەدە ئۇرۇش توختىتىش مەسىلىسى بىر سوئالغا «ئالدىمىزدا بىر يول بار، ئەمما بۇ بىر قىيىن يول» دەپ جاۋاب بەردى.

بايدىن ئىسرائىلىيەنىڭ ئۆزى ۋە پەلەستىنلىكلەر ئۈچۈن تىنچلىق پۇرسىتىنى چىڭ تۇتۇشى كېرەكلىكىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ: «زېئونىست بولۇش ئۈچۈن يەھۇدىي بولۇشىڭىزنىڭ ھاجىتى يوق، مەن زىئونىستمەن. ئەگەر ئىسرائىلىيە بولمىغان بولسا، دۇنيادا بىرمۇ يەھۇدىي بىخەتەر بولالمايتتى» دېدى.

ئەگەر ۋاقىتلىق ئۇرۇش توختىتىلسا، باشقىچە يۆنىلىشتە ئىلگىرىلەشكە بولىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن بايدىن، بۇنداق ئەھۋالدا، ئىسرائىلىيەنىڭ بىخەتەرلىكى ۋە پەلەستىنلىكلەرنىڭ مۇستەقىللىقىگە كاپالەتلىك قىلىدىغان ئىككى دۆلەتلىك ھەل قىلىش چارىسىنى تېپىپ چىققىلى بولىدىغانلىقىنى تەكىتلىدى.

ئىسرائىلىيەنىڭ 7-ئۆكتەبىردىن بۇيان داۋام قىلىۋاتقان ھۇجۇملىرىدا كۆپىنچىسى بالىلار ۋە ئاياللار بولۇپ، جەمئىي 30 مىڭغا يېقىن پەلەستىنلىك قازا قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر