ئىسرائىلىيەنىڭ ۋاشىنگتوندىكى ئەلچىخانىسى ئالدىدا بىر ئەسكەر ئۆزىگە ئوت قويۇپ بەردى

ئامېرىكادا ئىسرائىلىيەنىڭ ۋاشىنگتوندىكى ئەلچىخانىسى ئالدىدا ئۆزىگە ئوت قويۇپ بەرگەن كىشىنىڭ ئامېرىكا ھاۋا ئارمىيەسىنىڭ ئەسكىرى ئىكەنلىكى ۋە غەززەدىكى ئىرقىي قىرغىنچىلىققا نارازىلىق بىلدۈرۈش ئۈچۈن ئۆزىگە ئوت قويۇپ بەرگەنلىكى ئاشكارىلاندى.

2107231
ئىسرائىلىيەنىڭ ۋاشىنگتوندىكى ئەلچىخانىسى ئالدىدا بىر ئەسكەر ئۆزىگە ئوت قويۇپ بەردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكا ھاۋا ئارمىيەسىدە ئاكتىپ ۋەزىپە ئۆتەۋاتقان 25 ياشلىق ئارون بۇشنېلنىڭ نارازىلىقى ۋە ئۆزىگە ئوت قويۇپ بەرگەن چاغدا سىنغا ئېلىنغان ۋىدېئو كۆرۈنۈشلىرى ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا كەڭ تارقالدى.

ۋىدېئودا، بۇشنېل ھەربىي فورما كىيگەن ھالدا ئۆزىنىڭ ئامېرىكا ھاۋا ئارمىيەسىدە ئاكتىپ ۋەزىپە ئۆتەۋاتقان بىر ئەسكەر ئىكەنلىكىنى تونۇشتۇرۇپ: «ئەمدى ئىرقىي قىرغىنچىلىققا قاتناشمايمەن» دەيدۇ.

بۇشنېل ئىسرائىلىيەنىڭ ۋاشىنگتوندىكى ئەلچىخانىسى ئالدىدا، « مەن ھازىر بىر قەدەر ئېغىر نارازىلىق بىلدۈرمەكچىمەن، ئەمما پەلەستىنلىكلەرنىڭ ئىشغالچىلارنىڭ قولىدا باشتىن كەچۈرۈۋاتقانلىرىنىڭ ئالدىدا مېنىڭ بۇ ھەرىكىتىم چوڭ ئىش ئەمەس» دەيدۇ.

بۇشنېل ئىسرائىلىيە ئەلچىخانىسىنىڭ ئالدىدا بېشىغا بېنزىن قۇيۇپ، ئۆزىگە ئوت قويۇپ بەرگەندىن كېيىن تاكى نەپسى توختىغانغا قەدەر «پەلەستىنگە ئەركىنلىك!» دەپ قايتا-قايتا ۋارقىرايدۇ.

ئەلچىخانا ساقچىلىرىنىڭ «سىزگە ياردەم قىلالامدىم؟» دەپ سورىغاندىن كېيىن، «دەرھال يەردە يات!» دېگەن سۆزلىرى، باشقا بىر ساقچىنىڭ بولسا، «قورالغا ئەمەس، ئوت ئۆچۈرگۈچكە ئېھتىياجلىقمىز» دېگەنلىكى ئاڭلىنىدۇ.

ۋاشىنگتون ئوت ئۆچۈرۈش تارمىقى ۋە جىددىي قۇتقۇزۇش مۇلازىمەت ئەمەلدارىنىڭ ئېيتىشىچە، بۇ ۋەقە ھەققىدە شۇ يەرنىڭ ۋاقتى 13:00 ئەتراپىدا ۋاشىنگتون ئوت ئۆچۈرۈش تارماق ئەترىتىگە تېلېفوندا خەۋەر بېرىلگەن.

تېلفوندا  بىر كىشىنىڭ ۋاشىنگتوندىكى ئىسرائىلىيە ئەلچىخانىسى بىناسى ئالدىدا ئۆزىگە ئوت قويۇپ بەرگەنلىكىلىكى بىلدۈرۈلگەن.

ئوت ئۆچۈرۈش ئىدارىسى مەسئۇلى: «بىز نەق مەيدانغا يېتىپ بارغاندا، فورما كىيگەن مەخپىي خادىم تەرىپىدىن ئوتنىڭ ئۆچۈرۈلگەنلىكىنى كۆردۇق» دەپ بايانات ئېلان قىلغان ئىدى.

مەسئۇللار ئۆزىگە ئوت قويۇپ بەرگەن كىشىنىڭ رايونلۇق دوختۇرخانىدا بالنېستقا ئېلىنغانلىقىنى، ئېغىر يارىلانغانلىقى سەۋەبىدىن ئەھۋالىنىڭ ئىنتايىن خەۋپلىك ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن بولسىمۇ، ئەمما ئۇنىڭ كىملىكى ياكى باغلىنىشى توغرىسىدا ھېچقانداق تەپسىلىي مەلۇمات بەرمىگەن ئىدى.

 



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر