دونالد ترامپ: «بايدىن سايلامدا قايتا غەلبە قىلسا، خىتاي ئامېرىكىغا ھۆكۈمران بولىدۇ»

ئامېرىكانىڭ سابىق پىرېزىدېنتى دونالد ترامپ: «ئەگەر مەن ۋەزىپىدە بولغان بولسام، ئىسرائىلىيەگە ھۇجۇممۇ بولمايتتى، ئۇكرائىنادا ئۇرۇشمۇ بولمايتتى» دېدى.

2107020
دونالد ترامپ: «بايدىن سايلامدا قايتا غەلبە قىلسا، خىتاي ئامېرىكىغا ھۆكۈمران بولىدۇ»

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: دونالد ترامپ ئامېرىكا مارىلاند ئىشتاتىدا ئۆتكۈزۈلگەن ئامېرىكا كونسېرۋاتىپلار بىرلەشمىسىنىڭ ئەنئەنىۋى كونسېرۋاتىپلار سىياسىي ھەرىكەت يىغىنىدا سۆز قىلدى.

دونالد ترامپ 4 يىل ئىلگىرى ئامېرىكا پىرېزىدېنتى جو بايدىن سايلانغان تەقدىردە، دۆلەتنىڭ چېگراسىنىڭ يوقىلىدىغانلىقى، ئوتتۇرا سىنىپنىڭ كۆپ قىسمىنىڭ يوق قىلىنىدىغانلىقى ۋە زوراۋانلىق جىنايى قىلمىشلىرىنىڭ كۆپىيىدىغانلىقى ھەققىدە ئاگاھلاندۇرغانلىقىنى ئەسكەرتىپ، «ھەممە ئىشتا دېگىنىمىز توغرا چىقتى» دېدى.

ئەگەر بايدىن سايلامدا قايتا غەلبە قىلسا، ھەممە ئىشنىڭ تېخىمۇ ناچارلىشىدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويغان ترامپ، كۆچمەنلەرنىڭ سانىنىڭ 50 مىليوندىن ئېشىپ كېتىدىغانلىقىنى، سەھىيە، ئىجتىمائىي كاپالەت ۋە مائارىپ سىستېمىسىنىڭ گۇمران بولىدىغانلىقىنى، قارا گۇرۇھلارنىڭ ئامېرىكا زېمىنىنى ئىشغال قىلىدىغانلىقىنى ۋە خىتاينىڭ ئامېرىكىغا ھۆكۈمران بولىدىغانلىقىنى تەكىتلىدى.

دونالد ترامپ ۋەزىپە ئۆتەش مۇددىتى بويىچە ھېچقانداق ئۇرۇش چىقمىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، «ئەگەر مەن ۋەزىپىدە بولغان بولسام، ئىسرائىلىيەگە ھۇجۇممۇ بولمايتتى، ئۇكرائىنادا ئۇرۇشمۇ بولمايتتى» دېدى.

دونالد ترامپ يەنە، ئۆزى ۋەزىپە ئۆتىگەن مەزگىلىدە ئىراننىڭ ۋەيران بولغانلىقىنى، ھاماس ۋە ھىزبۇللاھنىڭ مەبلەغ تاپالمايدىغان ھالغا كەلگەنلىكىنى، ئەمدىلىكتە بولسا ئىراننىڭ قايتىدىن باي بولۇپ كەتكەنلىكىنى ئېيتتى.

دونالد ترامپ پىرېزىدېنت بولغان مەزگىلدە ناھايىتى قىسقا ۋاقىت ئىچىدە تېرورلۇق تەشكىلاتى دائېشنى ۋەيران قىلغانلىقىنى تىلغا ئېلىپ، بايدىننىڭ دېموكراتىيەگە نىسبەتەن بىر تەھدىت ئىكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر