ئىسرائىلىيە ھۇجۇملىرىدا قازا قىلغان پەلەستىنلىكلەر سانى 29606 گە يەتتى

ئىسرائىلىيەنىڭ غەززەگە قاراتقان ھۇجۇملىرىدا ھاياتىدىن ئايرىلغان پەلەستىنلىكلەر سانى 29606 گە يەتتى.

2106900
ئىسرائىلىيە ھۇجۇملىرىدا قازا قىلغان پەلەستىنلىكلەر سانى 29606 گە يەتتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: غەززەدىكى پەلەستىن سەھىيە مىنىستىرلىقى يازما بايانات ئېلان قىلىپ، ئىسرائىلىيەنىڭ 7-ئۆكتەبىردىن باشلاپ 141 كۈندىن بۇيان داۋاملاشتۇرۇۋاتقان ھۇجۇملىرى ھەققىدە مەلۇمات بەردى؛ يېقىنقى 24 سائەت ھاياتىدىن ئايرىلغان 92 پەلەستىنلىكنى قوشقاندا، ھۇجۇملاردا قازا قىلغان پەلەستىنلىكلەر سانىنىڭ 29606 گە يەتكەنلىكىگە ئىشارەت قىلىنغان باياناتتا، ئەڭ يېڭى ھۇجۇملاردا يەنە 123 پەلەستىنلىكنىڭ يارىلانغانلىقى، يارىلانغانلارنىڭ ئومۇمىي سانىنىڭ 69 مىڭ 737 گە يەتكەنلىكى قەيت قىلىندى.

خارابىلىكلەرنىڭ ئاستى ۋە يول بويلىرىدا ھازىرمۇ قازا قىلغانلارنىڭ بارلىقى، ئەمما ئىسرائىلىيە ئارمىيەسىنىڭ توسالغۇسى سەۋەبىدىن، داۋالاش ئەترىتى ۋە خەلق مۇداپىئە خادىملىرىنىڭ جەسەتلەر ئالالمايۋاتقانلىقى تەكىتلەندى.

پەلەستىن خەۋەر ئاگېنتلىقى —ۋافانىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، ئىسرائىلىيە ئارمىيەسى ئەلخەلىل، تۇلكەرىم، بەيتلەھەم ۋە نابلۇس قاتارلىق جايلاردا كېچە بويىچە باستۇرۇپ كىرىپ، تۇتقۇن قىلىش ھەرىكەتلىرىنى ئېلىپ بارغان.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر