ئەنگلىيە رۇسىيەگە قارشى يېڭى ئېمبارگو يۈرگۈزىدۇ
ئەنگلىيە ئۇكرائىنانى ئىشغال قىلىش ئۇرۇشى باشلىغانلىقىغا ئىككى يىلنى توشقۇزغان رۇسىيەگە قارشى مۇھىم كىرىم مەنبەلىرىنى نىشان قىلغان ئېمبارگو يۈرگۈزىدىغانلىقىنى جاكارلىدى.
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئەنگلىيە تاشقى ئىشلار ۋازارىتى ئۇكرائىنا-رۇسىيە ئۇرۇشى باشلانغانلىقىغا ئىككى يىل توشۇشتىن ئىككى كۈن ئىلگىرى بايانات ئېلان قىلىپ، رۇسىيەگە قارشى 50 دىن ئارتۇق شەخس ۋە ئىدارە-ئورگانلارنى نىشان قىلغان يېڭى ئېمبارگو يۈرگۈزىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
باياناتتا، ئېمبارگولارنىڭ ئەنگلىيەنىڭ ئۇكرائىناغا بولغان تەۋرەنمەس قوللىشىنى نامايان قىلىدىغانلىقى قەيت قىلىندى.
باياناتتا، ئېمبارگولارنىڭ راكېتا ئېتىش سىستېمىلىرى، باشقۇرۇلىدىغان بومبا ۋە پارتلاتقۇچ قاتارلىق ئوق-دورا بىلەن تەمىنلىگۈچىلەرگە بېسىم قىلىدىغانلىقى، رۇسىيەنىڭ مۇھىم كىرىم مەنبەلىرىنىمۇ نىشان قىلىدىغانلىقى، مېتال، ئالماس ۋە ئېنېرگىيە سودىلىرىغا چەكلىمە قويۇپ، پۇل-مۇئامىلە مۇناسىۋەتلىرىنىمۇ ھەر نۇقتىدىن ئۈزۈپ تاشلايدىغانلىقى بىلدۈرۈلدى.
ئەنگلىيە تاشقى ئىشلار ۋەزىرى داۋىد كامېرون بۇ ھەقتە توختىلىپ: «خەلقئارا ئىقتىسادىي بېسىم، رۇسىيەنىڭ بۇ قانۇنسىز ئىشغالنى ئىقتىسادىي جەھەتتىن قوللىيالمايدىغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ. ئېمبارگولىرىمىز پۇتىننى ئۇرۇش ئۈچۈن ئېھتىياجلىق بولغان ئىقتىسادىي مەنبەلەردىن مەھرۇم قالدۇرىدۇ» دېدى.