ئىستىخبارات ئىدارىسى سۈرىيەدە تېررورچىلارنىڭ بىر كاتتىبېشىنى ئۇجۇقتۇردى

ئىستىخبارات ئىدارىسى (MİT) سۈرىيەنىڭ قامىشلى رايونىدا نۇقتىلىق ھەرىكەت ئېلىپ بېرىپ، بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك/ي پ گ نىڭ ئاتالمىش ​​كاتتىباشلىرىدىن بىرى بولغان مۇرات ئاتەشنى ئۇجۇقتۇردى.

2105924
ئىستىخبارات ئىدارىسى سۈرىيەدە تېررورچىلارنىڭ بىر كاتتىبېشىنى ئۇجۇقتۇردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: بىخەتەرلىك مەنبەلىرىدىن ئىگىلەنگەن ئۇچۇرلارغا ئاساسلانغاندا، تۈركىيە ئىستىخبارات ئىدارىسى تەرىپىدىن ۋەزىپىگە تەيىنلەنگەن ئالاھىدە ئەترەت ئۇزۇندىن بۇيان يېقىندىن كۆزىتىۋاتقان ئەسلى ئىسمى «رەناس ئامەد» ۋە شفىرلىق ئىسمى «مۇرات ئاتەش» بولغان تېررورچىنى ئۇجۇقتۇرۇش ئۈچۈن بىر قېتىملىق چاقماق ھەرىكىتى ئېلىپ بارغان.

تېررورچى ئاتەش سۈرىيەنىڭ قامىشلى شەھىرىدە ئېلىپ بېرىلغان چاقماق ھەرىكەتتە ئۇجۇقتۇرۇلغان.

تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك غا 2014 - يىلى ياۋروپادىن قېتىلغان تېررورچى ئاتەش، 2014-يىلدىن 2016-يىلغىچە بولغان مەزگىلدە ئىراقنىڭ قاندىل، ئاۋاشىن ۋە گارا رايونلىرىدا ھەمدە سۈرىيەدە قوراللىق پائالىيەتلەر بىلەن شۇغۇللانغان.

تېررورىست ئاتەش بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتىنىڭ قانۇنسىز پۇل يۆتكەش ئىشلىرىغا مەسئۇل ئاتالمىش كاتتىباشلىرىدىن بىرى ئىدى.

 



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر