ھىندىستاندىكى دېھقانلارنىڭ نامايىشىدا ساقچىلار بىر نامايىشچىنى ئۆلتۈردى
ھىندىستاندا بىر ھەپتىدىن بۇيان نامايىشلىرىنى داۋاملاشتۇرۇۋاتقان دېھقانلار بىلەن ساقچىلار ئوتتۇرىسىدا توقۇنۇش يۈز بېرىپ، تۇنجى قېتىم بىر نامايىشچى قازا قىلدى.
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ھىندىستان ساقچىلىرى ھاريانا ئۆلكىسى چېگراسىدىكى پايتەخت يېڭى دېھلىغا بارىدىغان يولنى توستى.
دېھقانلار توسۇقلارنى چېقىپ تاشلايدىغانلىقىنى ئېلان قىلغاندىن كېيىن، ساقچىلار ياش ئاققۇزۇش بومبىسى ئېتىپ نامايىشچىلارنى تارقىتىۋېتىشكە ئۇرۇندى.
ۋەقەدە، بىر نامايىشچى قازا قىلدى. ساقچى تەرەپ 24 ياشلىق دېھقاننىڭ ساقچىلار تەرىپىدىن ئۆلتۈرۈلگەنلىكىگە دائىر تەكشۈرۈش ئېلىپ بارىدىغانلىقلىرىنى بىلدۈردى.
چىققان سۈركىلىشلەردە، دېھقانلار تاش ئېتىپ نۇرغۇن ساقچىلارنى يارىلاندۇردى.
دېھقانلارنىڭ نۇقتىلىق تەشكىلاتلىرىدىن بىرى بولغان «پەنجاپ ئىشچى - دېھقان سانخارش كومىتېتى» نىڭ باش كاتىپى سارۋان سىنگى پاندېر ئەجەللىك ۋەقەدىن كېيىنكى ھەرىكەت پىلانىنى 23 - فېۋرالدا قارار قىلىدىغانلىقلىرىنى ۋە شۇ ۋاقىتقىچە نامايىشنى توختىتىدىغانلىقلىرىنى ئېلان قىلدى.
ھىندىستان2021 - يىلىدىمۇ دېھقانلارنىڭ نامايىشىغا سەھنە بولغان ئىدى.
ھىندىستاندا دېھقانلار ھۆكۈمەتنىڭ ياردەم مىقدارىغا نارازىلىق بىلدۈرمەكتە.